ئۆزبېكىستان سانائەت ئەسلىھەلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلايدۇ

137 2012-12-14 12:20:07   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      جۇڭگو سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا ~20142012 - يىللىرى ھەم شۇندىن كېيىن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كونا ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاشنى تېزلىتىش تەدبىرىنى تەستىقلىدى. ھۆكۈمەت بۇيرۇقىغا ئاساسلانغاندا، 20142012~ - يىللىرى ھەم شۇندىن كېيىن ئۆزبېكىستان جەمئىي 16 مىڭ700 يۈرۈش ئەسلىھەنى يېڭىلايدۇ، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 127 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ قېتىمقى ئەسلىھە يېڭىلاشتا، سودا بانكىسى سانائەت كارخانىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ 1 مىليون 691 مىڭ 400 يۈرۈش ئەسلىھەسىنى تەپتىش قىلىش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، %30 ئەسلىھەنى يېڭىلاش كېرەك ياكى ئىشلىتىشتىن توختىتىۋېتىش كېرەك. كونكرېتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزبېكىستان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 36 مىڭ 900 يۈرۈش ئەسلىھەسى ئىچىدە 18 مىڭ 800 يۈرۈشى يېڭىلىنىدىكەن ياكى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدىكەن؛ ئۆزبېكىستان تۆمۈريول شىركىتىنىڭ 350 يۈرۈش ئەسلىھەسى ئىچىدە 95 يۈرۈشى يېڭىلىنىدىكەن ياكى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدىكەن؛ گېئولوگىيە، ئېنېرگىيە، خىمىيە، نېفىت خىمىيەسى ۋە مېتال تاۋلاش ساھەلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ جەمئىي 10 مىڭ 900 يۈرۈش ئەسلىھەسى يېڭىلىنىدىكەن، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 926 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن؛ ماشىنىسازلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتى، ئاۋىئاتسىيە سانائىتى ۋە مەھسۇلاتلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ 992 يۈرۈش ئەسلىھەسى يېڭىلىنىدىكەن، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 66 مىليون 297 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن؛ شەھەرلىك ھۆكۈمەت، قاتناش ۋە بىناكارلىق ساھەسىدىكى كارخانىلارنىڭ 614 يۈرۈش ئەسلىھەسى يېڭىلىنىدىكەن، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 35 مىليون 450 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن؛ يېزا ئىگىلىك، سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىستېمال تاۋارلىرىنى پىششىقلاش ساھەلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ 4000 يۈرۈش ئەسلىھەسى يېڭىلىنىدىكەن، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 86 مىليون 61 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن؛ مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى كارخانىلارنىڭ 130 يۈرۈش ئەسلىھەسى يېڭىلىنىدىكەن، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 13 مىليون 184 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر