يۈز تېرىسى نۇرسىزلىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى

245 2012-12-12 12:15:17   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

يۈز تېرىسى نۇرسىزلىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى

1. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق: ئادەم كەچتە ئۇخلىغاندا تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ مېتابولىزمى ئەۋجىگە چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېڭى ھۈجەيرىلەر ئۆسۈپ يېتىلىپ، قېرىغان مۈڭگۈز پەردە ھۈجەيرىلىرى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. بەك كەچ ئۇخلىسا ياكى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمى ياخشى بولماي، قېرىغان مۈڭگۈز پەردە قېلىنلىشىپ، تېرە سۈزۈكلۈكىنى يوقىتىپ، تۇتۇق ۋە نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق يۈزگە ھەرقانچە گىرىم قىلغان بىلەنمۇ ئېچىلمايدۇ. شۇڭا، ئاياللار كەچ سائەت 10 دىن بۇرۇن ئۇخلىشى كېرەك.
2.روھىي بېسىم: ئادەم روھىي بېسىمغا ئۇچرىغاندا بەدىنى جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، قان تومۇرلار تارىيىپ، قان ئايلىنىشى ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈز تېرىسىنىڭ رەڭگىمۇ خۇنۇكلىشىدۇ. بەك چارچاپ كەتسىمۇ، تېرىنىڭ مېتابولىزمى ئاستىلاپ، يۈز تېرىسىدىكى مۈڭگۈز پەردە قېلىنلاپ، تېرىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋېتىدۇ. تېرە ئەسلىدىنلا قۇرغاق بولسا، مۈڭگۈز پەردىگە سۇ يېتىشمەي، تېرە رەڭگى تۇتۇق، نۇرسىز بولۇش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
3.تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش قىلدام تومۇرلارنى تارايتىپ، قان ئايلىنىشنى ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە ئوكسىگېن كەمچىل ھالەتتە تۇرۇپ، تەبىئىيلا نۇرسىزلىشىپ كېتىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە ۋىتامىن C نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بىر تال تاماكا چەككەندە 25~100mg ۋىتامىن C زىيانغا ئۇچرايدۇ. ۋىتامىن C نىڭ قارا پىگمېنتنى تىزگىنلەش ۋە تېرىنى يېڭىلاش رولى بولۇپ، تېرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تاماكا ئىسى تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇپ، تېرە رەڭگىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋېتىدۇ.
4.يۈزنى پاكىز يۇيماسلىق: ئۇپا يۈزدە مەلۇم ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، تېرىدىكى ياغ ۋە چاڭ - توزان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ كىر شەكىللەندۈرىدۇ، ئاندىن ئوكسىدلىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ. يۈزنى پاكىز يۇمىسا، كىر يۈز تېرىسىدە قېپقېلىپ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىشىدۇ. تېرە ئاجرالمىلىرى ئەڭ كۆپ ئورۇن بۇرۇننىڭ ئىككى يان تەرىپى بولۇپ، كىرلار بۇرۇن ئەتراپىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىدە تۇرىۋالىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرراق بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، يۈزدىكى ئۇپا ئوكسىدلانغاندىن كېيىن يەنە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچراشسا، ئاسانلا ياغ پىروكسىدلىرىنى ھاسىل قىلىپ، تېرىنىڭ مېتابولىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
5. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر(UVA) : ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر تېرىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ھەقىقىي تېرە قەۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، كوللىگېن تالالىرى ۋە ئەۋرىشىم تالالارغا زىيان سېلىپ، سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ھەقىقىي تېرە قەۋىتىدە قالدۇقلىرى قېپقالىدۇ، نەتىجىدە تېرە سۈزۈكلۈكىنى يوقىتىپ سارغىيىپ، نۇرسىزلىشىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر