يازدا قوي پادىسىنى يايلاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

27 2012-12-07 12:08:55   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

يازدا قوي پادىسىنى يايلاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1.  مۇۋاپىق يايلىتىش ۋە بېقىش كېرەك
      يازدا يېڭى ئوت - چۆپلەر بىلەنلا قوينىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا يايلىتىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، تەن ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
2.  ئادەتتە قوينى يايلاتقاندا، شامالدىن دالدا، سۇ مەنبەسىگە يېقىنراق بولغان جايدا يايلىتىش كېرەك
      قوينىڭ تېنى ئاجىز، كېسەل بولسا ئىمكانقەدەر يايلىتىدىغان ئارىلىقنى قىسقارتىپ، قوينىڭ جىسمانىي كۈچى خوراشنى ئازايتىش كېرەك. يايلاتقاندا بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ ئوت - چۆپ يېگۈزىۋەتمەسلىك، يايلىتىشقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ئازراق قۇرۇق ئوت - چۆپ بېرىپ، يېرىم تويغۇزۇپ، ئاندىن يايلىتىش كېرەك. ~2015 كۈندىن كېيىن قوينىڭ قېرىن - ئۈچىيى يېڭى ئوت - چۆپكە كۆنگەندە، ئاندىن پۈتۈن كۈن يايلاتسا بولىدۇ، پۈتۈن كۈن يايلاتقاندىمۇ يايلىتىشقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا يەم - خەشەك بېرىش كېرەك. ئادەتتە قويغا يەم - خەشەك بېرىش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: ئاۋۋال سۇ، ئاندىن ئوت - چۆپ بېرىپ، قوي %~60%50 تويغاندىن كېيىن بىرىكمە بوغۇز بېرىش، ئاندىن ئاز مىقداردا تۇز سۈيى بېرىپ، 15~20 مىنۇت ئارام ئالدۇرغاندىن كېيىن يايلىتىشقا ئېلىپ چىقىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ھەم قوينىڭ يېشىل ئوت - چۆپنىلا يەپ ئورۇقلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم قېرىنى كۆپۈش ياكى زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3.   تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش كېرەك
      ئەتىيازلىق ئەت ئالدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، قوينىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. قوينى يايلىتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە مەلۇم مىقداردا ئوت - چۆپ ۋە بوغۇز بېرىش ھەمدە يېتەرلىك سۇغۇرۇش كېرەك. قويغا كۈندە 20~30g ئاش تۇزى ۋە 250g200~ كېپەك، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق، باقلا، كۈنجۈرە قاتارلىقلاردىن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بوغۇز بېرىش كېرەك. يازدا قوي ئۇرۇقلاندۇرۇلمايدىغان بولغاچقا، نەسىللىك قوچقارنى بېقىشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق يايلىتىپ، ئۇرۇقلاندۇرىدىغان مەزگىل ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. قوچقارنىڭ تەن ھالىتىنى ئوتتۇراھالدىن سېمىزرەك، تىمەن، جىسمانىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە ساقلاپ، ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، قوچقاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
      ساغلىق ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقاچقا، يېتەرلىك سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ساغلىق قوزىلىغاندىن كېيىنكى 20~30 سائەتتە سۈتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. بۇ قوزىنى ئەي قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىل. قوينىڭ سۈتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، يېتەرلىك مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك يېشىل قۇرۇق ئوت - چۆپ، شىرنىلىك يەم - خەشەك ۋە بوغۇز بېرىش ھەمدە مىنېرال ماددا ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قوزىلىق ساغلىقنى پەرۋىش قىلىشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك(1) : قوتان ئىسسىق، پاكىز ھەم قۇرغاق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قوتان ئىچىدىكى سېسىغان ئوت - چۆپ، قىغ - ماياق، تاش پارچىسى قاتارلىقلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك، بولمىسا قوي ئاسانلا كېسەللىنىدۇ؛ (2) ساغلىقنىڭ يېلىنىنى دائىم تەكشۈرۈپ، ساغقاندا سۈتى يانغا ئېغىش ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرى بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك، بولمىسا يېلىن ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ؛ (3) سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ساغلىققا يەم - خەشەكنى ئازايتىپ بېرىش كېرەك، بولۇپمۇ بوغۇز ۋە شىرنىلىك يەم - خەشەكلەرنى ئازايتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر