سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇش مەبلىغىنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا
قۇرۇلۇش ياسىلىش باھاسىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى باشقۇرۇش جەريانى، ئۇ پەقەت تەخمىن چوت تۈزۈش، مەبلەغ باشقۇرۇش بولماستىن، بەلكى قۇرۇلۇش تۈرىنى پىلانلاش، تۈر پىلان ۋەزىپەنامەسى، مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ياسىلىش باھاسىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، قۇرۇلۇش ياسىلىش باھاسىنى ئالدىن كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە دەلىللەش، قۇرۇلۇشنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش باھاسىنى بەلگىلەش، قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتى، قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىي ياسىلىش باھاسىنىڭ بەلگىلىنىشى ۋە كېيىنكى باھا قاتارلىق پۈتۈن قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ياسىلىش باھاسىنى كۆرسىتىدۇ.
1.سۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى بەلگىلەشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇرۇلۇش تۈرى مەبلىغىنى بەلگىلەشتە ئاۋال مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىپ، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېلىپ بېرىشقا بولدىغانلىقى تولۇق دەلىللىنىدۇ.
2.تۈر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىن ئاۋۋال قۇرۇلۇش ياسىلىش باھاسىنى كونترول قىلىش، تۈرلەرنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ۋە دەسلەپكى لايىھە باسقۇچى، قۇرۇلۇش كۆلمىنى كونترول قىلىش، قۇرۇلۇش دائىرىسى ۋە لايىھە ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، لايىھەنى ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ياسىلىش باھاسى دەسلەپكى قەدەمدە ئالدىن كونترول قىلىنىدۇ.
3. مۇۋاپىق بولغان قۇرۇلۇش مەبلىغى مەنبەسى ۋە ماكرولۇق كونترول قىلىش نىشانى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۈرلەرنىڭ دەسلەپكى لايىھە تەخمىن چوتى دەسلەپكى لايىھە باسقۇچىدا يولغا قويۇلىۋاتقان خىراجەت ئۆلچىمىنى، نورمىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان قۇرۇلۇش مەبلىغى پىلانى، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەبلەغ كۆلىمىنى بەلگىلەيدىغان ئاساس.
4.مۇۋاپىق بولغان مەبلەغ توپلاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ شەكىللىنىش يولى كۆپ خىل بولىۋاتىدۇ. ئاساسلىقى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مالىيە مەبلىغى، قەرز ئېلىش، مەبلەغ توپلاش، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش، خۇسۇسىي ئىگىلىك گۇرۇھى مەبلىغى، پاي چەك تۈزۈمى قاتارلىق شەكىللەر بار.
5.باشقۇرۇش تۈزۈم ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم مەزمۇن، مۇۋاپىق بولغان تەگ باھا، ئەڭ ئەلا ھۆددىگە ئالغۇچنى تاللاشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
6. قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچىدا قۇرۇلۇشنىڭ ياسىلىش باھاسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىدۇ. تىنچ ھالەتتە كونترول قىلىش ۋە ھەرىكەتچان ھالەتتە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، نورما چېكى لايىھەسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، دەسلەپكى لايىھەنى قۇرۇلۇش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش، تۈر باشقۇرۇش خامچوتىنى تۈزۈش ئارقىلىق قۇرۇلۇشنى ئۆلچەمگە ئايرىش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۈرلەرگە ئايرىشنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، توختام باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش مەبلىغىنى تەستىقلانغان دەسلەپكى لايىھەدىكى ئومۇمىي مەبلەغ نورمىسى ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.
7. قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەن قۇرۇلۇش نەق چوتىنى تۈزۈشتە مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. پۈتكەن قۇرۇلۇش راسچوتى ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئەمەلىي ياسىلىش باھاسى ۋە مەبلەغ ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن دەلىللەش ھۆججىتى، مەبلەغ ئۈنۈمىنى تەكشۈرىدىغان ئاساس بولۇپ، پۈتكەن قۇرۇلۇش راسچوتىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى، دەسلەپكى لايىھە تەخمىن چوتى، تۈر باشقۇرۇش خامچوتى، توختام ۋە ئۇنىڭ تەڭشەش باھاسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8.ئاساسىي قۇرۇلۇشنى مۇپەتتىش قىلىشقا ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇپەتتىش بوغالتىرلىق ھېساباتلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرىدۇ، مالىيە كىرىم - چىقىمىنىڭ راستلىقىنى، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشىنى نازارەت قىلىدۇ. تەخمىن چوت مۆلچەر چوت، خىراجەت ئۆلچىمى، تەخمىن چوت ھۆججىتى، تۈر باشقۇرۇش خامچوتى، توختام ۋە تەڭشەلگەن باھا، راسچوت قاتارلىق ماتېرىياللار ئاساسىي قۇرۇلۇشنى مۇپەتتىش قىلىدىغان مۇھىم ماتېرىياللاردۇر.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...