يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش − نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە

19 2012-12-07 12:03:16   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش − نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە

      »ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى« دا، يېزىلارنى ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يۇرتى ۋە كۇتۇپخانا، يېزا - بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت مەدەنىيەتخانىسى )كۇتۇپخانىسى( قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇشلارنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش، كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تۈر قۇرۇلمىسىنى قوللاش ۋە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مەركەز، ئۆلكە، شەھەرلەردە يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بويىچە مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، مەركەزنىڭ مۇئەييەن مىقداردىكى يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنىڭ يېزا - بازار، كەنت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك« دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كېلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، مەنىۋى  ئېھتىياجى ئېشىپ بارماقتا. شۇڭا، قانداق قىلغاندا يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ شەھەر بىلەن ماس ھالدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش نۆۋەتتىكى جىددىي ھەم قىيىن مەسىلە بولماقتا. شۇڭا، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەندىلا، ئاندىن يېزىلارنىڭ شەھەرلەر بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
1.يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى
1. يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
      ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان، يېزا نوپۇسى كۆپ نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق. نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىك ساھاسىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ كۆپ قىسمى باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە، ئاز ساندىكىلىرى تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخىنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. ساۋاتسىزلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، يېزىلاردىكى غايەت زور ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئادەم كۈچى كاپىتالىغا ئايلاندۇرۇش مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
2.يېزىلاردىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
      دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلاردا كۈچلۈك مەنىۋى ئېھتىياج پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىدا روشەن ئۆزگىرىش بولۇپ، ماددىي ئىستېمال نىسبىتى تەدرىجىي ئازىيىپ، مەنىۋى ئىستېمالى ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇلازىمەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. گەرچە يېزىلاردا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەنىلا باشلامچى كەسىپ بولىدۇ. شۇڭا، يېزىلاردا ساياھەتچىلىك، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، مەھەللە مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.
3.يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
      مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، جىسمانىي ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش، كەيپىياتنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولۇپ، يېزىلاردىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى تۈرلۈك خۇراپاتلىقنى تۈگەتكىلى، كەڭ دېھقانلاردا سوتسىيالىستىك شەرەپ - نومۇس قارىشىنى تىكلىگىلى، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتقىلى، رىقابەت ئېڭى، بازار ئېڭى، تەرەققىيات ئېڭىنى تۇرغۇزغىلى، شۇنداقلا قوشنىلار ئارا ئىناقلىق، ئائىلە ئىناقلىقى، سەمىمىي دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، نامراتلارنى يۆلەشتەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4. يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
      دۆلىتىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت مۇقىم ۋە باياشات ماددىي تۇرمۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ساغلام ۋە مول مەدەنىيەت تۇرمۇشى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا مەيلى ماددىي تۇرمۇش بولسۇن ياكى مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بولسۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خېلىلا ئارقىدا. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمىئىيەت بەرپا قىلىشى ئۈچۈن، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىنى كىچىكلىتىش كىرەك.
2.يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
1.يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىگە نىسبەتەن تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس.
      بىر قىسىم جايلارنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتى ناچار، خۇراپاتلىق ئىدىيەسى ئېغىر بولماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتتە قانداق قىلغاندا دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، ساغلام مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، چىرىك مەدەنىيەتنى توسۇپ، ئىلىم - پەننى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، نادانلىق ۋە قالاقلىقنى تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. لېكىن، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارىماقتا.
2. دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى يېتەرسىز.
      مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پائالىيەت بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتناشقۇچى ھەم مەنپەئەتلەنگۈچىدۇر. لېكىن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا ھەم يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، سەپەرۋەرلىك قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، دېھقان - چارۋىچىلار تەرىپىدىن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قوغلىشىدىغان دەسمايىسى، دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ.
3. يېزا مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولىۋاتىدۇ.
      بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرلارنىڭ باشقا قوشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ بولۇش، مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى يېتەرسىز بولۇش سەۋەبىدىن ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئايرىم ساندىكى مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرلارنىڭ ئالاقىدار بىلىمى مۇكەممەل بولماسلىق، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، نەزەر دائىرىسىنىڭ تار بولۇشى سەۋەبىدىن ئۆز خىزمىتى ياخشى ئىشلىيەلمەيۋاتىدۇ.
4. يېزا مەدەنىيەت ئىشلىرىغا سېلىنغان مەبلەغ يېتەرلىك ئەمەس.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىۋاتىدۇ. لېكىن، شەھەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا چوڭ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، يېزىلاردا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ ئىنتايىن ئاز بولىۋاتىدۇ. ھازىر يېزا - كەنتلەردە مەدەنىيەت پونكىتلىرى، قىرائەتخانىلار قۇرۇلۇپ، كىتابلار سەپلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈرلىرى يەنىلا كۆپ ئەمەس، ئۇل مۇئەسسەسەلەر كەمچىل، يېزىلاردا ئويۇن كۆرۈش، كىنو كۈرۈش يەنىلا تەس بولىۋاتىدۇ.
1. يېزىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەت يېزىلارنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. لېكىن شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا ناھايىتى چوڭ. شۇڭا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپقا تايىنىپ خەلقنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئارىسالدى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ دېھقان - چارۋىچىلارنى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كېرەك.
2.يۇقىرى ساپالىق مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش لازىم.
      »قارار« دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئائىت يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىقىپ ۋە يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزا، مەھەللىلەردە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئورنى تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقىغا، ئالاقىدار كەسىپ بويىچە ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرسە، نىشانلىق قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت پىدائىيلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، كەسپىي خىزمەت بىلەن قوشۇمچە خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش لازىم. يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. شۇڭا، يېزىلاردىكى مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، ئىدىيەۋى سەۋىيەسى يۇقىرى، مەدەنىيەت خىزمىتىگە پىششىق كادىرلارنى رەھبەرلىك ئورنىغا تولۇقلاش لازىم.
3.خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
       مەدەنىيەت پەقەت كەڭ خەلق ئاممىسى پائال قاتناشقاندىلا، ئاندىن ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا، يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يېزىلاردا ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى داۋامىدا، ئۆز - ئۆزىنى كۆرسىتىشكە، ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەشكە، ئۆز - ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ئامما ئارىسىدىكى ئېسىل مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قېزىپ چىقىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.
4.يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا سېلىنىدىغان سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش لازىم.
      يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە بولۇپ، كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا، يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قوشۇن بولۇش، بازا بولۇش، پائالىيەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۈكۈپ ۋە دېھقان - چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئۇلار ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك.
  

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر