سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە تەبىئەت بىلىملىرىگە ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. قۇرۇلۇشنى پىلانلاش ۋە لايىھەلەش ئۈچۈن قۇرۇلۇش قىلىش ئورنىنىڭ تەبىئىي يەر شەكلىگە دائىر ماتېرىياللارنى توپلاش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن نەق مەيدانغا بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش، قىدىرىپ تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش، تەتقىقات، تەجرىبە سىناق قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ماتېرىيال توپلاشقا، خاتىرە قالدۇرۇشقا، تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى ۋە مەخسۇس تېمىلىق دوكلاتلارنى ھازىرلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
1.شۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشىگە دائىر ماتېرىياللار
ماتېرىيال ئالىدىغان مەيداندىن ئىش مەيدانىغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ قاتناش مەسىلىسى، قۇرۇلمىلارنىڭ جايلىشىشى، يەر شەكلى، سۇ ئېلىش، چۈشۈرۇش قۇرۇلمىلىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشىگە دائىر ماتېرىياللار قۇرۇلۇش قىلىشقا ئومۇمىي گەۋدە بويىچە جايلاشتۇرۇش تەلىپىنى قانائەتلەندۈرگەن بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قۇرۇلۇش قىلىپ ئېقىن بۇراش ۋارىيانتىنى قوللىنىشتىمۇ يەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.
2.ھاۋا رايىغا دائىر ماتېرىياللار
بۇ خىل تۈردىكى ماتېرىياللار تېمپېراتۇرا، پارغا ئايلىنىش، كەلكۈن مەزگىلى بىلەن سۇ تارتىلىدىغان مەزگىلدىكى سۇ يۈزى، ۋادا ھۆل - يېغىن ئەھۋالى، سۇ مىقدارى، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنغا چۈشكەن سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دەريالارنىڭ سۇ رايى ۋە ھاۋا رايىغا ئالاقىدار ئاساسلىق ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. ماتېرىياللار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەڭ ياخشىسى كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇپ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توپلاش كېرەك.
3.رايونلارنىڭ ئىقتسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى
بۇ خىل تۈردىكى ماتېرىياللار سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان رايوننىڭ سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش تىرانسپورت ئەھۋاللىرى ھەمدە شۇ يەرنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە كېرەركلىك بولغان يول، ۋاقتلىق ئۆي - ئىمارەتلەر كان رۇدىسى قازمىچىلىقى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇ تەمىنلەش، بېلىقچىلىق، سۇ ئامبار رايونىغا يەتكۈزۈلىدىغان سۇنىڭ بىسىم تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.
4.سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان يەرنىڭ گېئولوگىيەلىك ماتېرىياللىرى
بۇ خىل تۈردىكى ماتېرىياللار مەزكۇر قۇرۇلۇش گېئولوگىيەسى بىلەن گىدرو گېئولوگىيەسىگە دائىر ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈرلۈك كۆزىتىش، بۇرغىلاش، قېزىپ تەكشۈرۈش، فىزىكىلىق كۆزىتىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەر ئاستى قاتلاملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، يەر قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، تاغ جىنىسلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئۈزۈلگەن قاتلاملار ئارىسىدىكى يېرىقلار، يەر ئاستى بۇلاق سۇلىرى، ۋولقان قاتارلىقلار ئالاھىدە كۆزىتىلىدۇ. چوڭ تىپتىكى ۋاقىتلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ئۈچۈنمۇ گېئولوگىيەلىك ماتېرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.
5.سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللار
سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ماتېرىيال چىقىدىغان ئورۇنلار، سۇ - توك مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋاللىرى، ماتېرىيال مەيدانىدىكى ماتېرىيال زاپىسى، توپا - تاش ماتېرىياللارنىڭ فىزىكىلىق، مېخانىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇلارنى قېزىش، ماتېرىيال مەيدانىنىڭ ئىش ئورنى ۋە سىرتقى قاتناش بىلەن باغلىنىشى، ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەش شارائىتى، ماتېرىيال باھاسى، مىقدارى، ماتېرىيال سىنىقى، ئېقىن بۇراش گىدرو قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سىناقلىرى لايىھەلەش ئىھتىياجىغا ئاساسەن كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئالاقىدار تارماقلارغا ھاۋالە قىلىنىشى كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...