پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە، كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش نۆۋەتتىكى زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ۋە ھالقىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بارغانسېرى ئومۇملىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تۆۋەندە مەن ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
1.كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇشنى قوللىنىشنىڭ ئەۋزەللىكى
1)كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە بولۇپمۇ كەسپىي ئاساسىي پەن ۋە كەسپىي تېخنىكا پەنلەردىكى بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەزمۇنلارنى پەقەت كىتابتىكى نەزىرىيەۋى بىلىملەرگە تايىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق چۈشەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بېرىپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا كەسپىي دەرسلەردىكى مۇھىم ئۈسكۈنىلەر، قۇرۇلما، قۇرۇلۇشلارنىڭ شەكلى ۋە ئىنچىكە قىسىملىرىنى جانلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسان كۆز ئالدىغا كەلمەيدىغان مەزمۇنلارنى ئوڭاي چۈشىنىشى، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2) نەق مەيداندىكى ئەمەلىي مەشغۇلاتنىڭ ھەرىكەتچان سۈرىتى، بىر قىسىم ستاتىك رەسىم، جەدۋەل، دىئاگىراممىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، بىر قىسىم دەرسلەردە بەلگىلىك جەدۋەل ۋە رەسىملەرنى سىزىپ چۈشەندۇۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، ھازىر بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، جەدۋەل ۋە شەكىللەرنى ئېكراندا جانلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئۆلۈك ھالدا ئىگىلەش ھالىتىگە خاتىمە بېرىلدى.
3) ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ كېلىۋاتقان دوسكىدىن پايدىلىنىش بىلەن زامانىۋى كۆرسەتمىلىك قوراللار ئارقىلىق ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلۈپ، زامانىۋى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن سىنىپ ئىچىدىكى ئوقۇتۇش مۇھىتى ياخشىلاندى.
4)ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋە تەكرار ئىشلىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دوسكا باشقۇرۇش سۈرئىتى ۋە سۆزلەش سۈرئىتى ئارقىلىق ئوقۇتۇش سۈرئىتى كونترول قىلىناتتى، دوسكىغا يېزىلغان مەزمۇنلار ئۆچۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن يەنە لازىم بولسا، قايتا يېزىشقا ۋە سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى، بىراق كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتۇش دېتاللىرى ھۆججەت شەكلى بىلەن كومپيۇتېردا ساقلىنىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارغا قايتا كۆرسىتىش ۋە چۈشەندۈرۇشتە قۇلايلىق شارائىت يارىتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك دېتاللىرى رەڭلىك، جانلىق بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە زور ئۈنۈم يارتىلدى.
5)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسىنى تۈزۈشىگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر خىل ساقلاش دېسكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دەرسلىك دېتاللىرىنى ساقلاپ دەرسلىك لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ يىزىشى ۋە يېڭىلىشىغا زور ئاسانلىق تۇغدۇردى.
2.يېتەرسىز تەرەپلىرى
1)ئوقۇتقۇچىلاردا كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇشقا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش جەريانىدا دەرس مەزمۇنى پۈتۈنلەي كومپيۇتېردا كۆرسىتىلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى پەقەت دەرسلىك دېتاللىرىنى ئېكراندا قويۇپ بەرگۈچىگە ئايلىنىپ قالدى. ئوقۇغۇچى ئېكرانغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئېكراندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە ئاران ئۈلگۈرىدىغان بولغانلىقتىن، تەپەككۇر قىلىش ۋە خاتىرە قالدۇرۇشقا ۋاقىت يەتمەي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئاكتىپچانلىقى سۇسلىشىپ كەتتى.
2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئارقىلىق كۆرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، قول ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇشىغا سەل قارالدى.
كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇشتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئېكراندىكى رەسىم ۋە جانلىق سۈرەتلەرگە دىققەت قىلىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا دىققەت قىلمايدىغان، خاتىرە قالدۇرۇشقا سەل قارايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
3)كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇشتا بىر قىسىم ئەسلىھەلەر تولۇق بولماسلىق ۋە ئۆلچەملىك بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولماقتا.
3. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ - پىكىرلەر
يۇقىرىقى نۇقتىلارنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىش ئارقىلىق شۇنداق تونۇش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇكى، كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش نىشانىدىكى ئۈنۈمگە ئىرىشىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
كۆپ مۇھىتلىق ئوقوتۇشتا كومپيۇتېر يېتەكچى ئورۇندا تۇرماستىن، ئوقۇتقۇچى يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋالماسلىقى، كومپيۇتېر ئۈستىلى ۋە دەرس مۇنبىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى مۇۋاپىق لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
2) دەرسلىك دېتالى پەقەت قوشۇمچە ئوقۇتۇش قورالى بولۇشى كېرەك.
كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كومپيۇتېر ۋە ئېكراندىن باشقا يەنە دوسكىدىنمۇ مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك.
3)مەكتەپ تورىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك دېتاللىرىدىن ۋە ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا قۇلايلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.
4. يەكۈن
ھەر خىل كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا دەرس ئۆتكەندە ئوخشىمىغان ئوقۇتۇش مەقسىتى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كېلىدىغان دەرسلىك دېتالىنى تۈزۈپ كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ، كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...