كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كىتاب ئادەمنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، ئۇچۇر ۋە تەپپەككۇر نۇرلىرى ئارقىلىق يېڭىچە ساپا ۋە سۈپەت يېتىلدۈرۈشنىڭ قورالى. كىتابنىڭ بۇ خىل ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە سېھرىي كۈچى كىشىلەرنىڭ كىتابقا نىسبەتەن كۆزقارىشى ۋە قىزىقىش پوزىتسىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھالقىلىق رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا چەكسىز زوق بېغىشلاش جەھەتتتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ بىلىش ئەمەلىيىتى كىتابنى ۋاسىتە ۋە قورال قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىتابىي جۇغلانما بىلىملەر ئارقىلىق ئادەمنى چەكسىز كەڭ تەبىئەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ماھىيەتتىن تارتىپ ھادىسىلەرگىچە بىلىش جەريانىنى تامامەن نامەيەن قىلىپ بېرىدۇ.
كىتاب ئوقۇش بىر تۈرلۈك نازاكەتلىك ئارزۇ - ھەۋەس بولۇپ، كىشىلەر كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايدۇ، كۆرمىگەنىنى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىدۇ، ھېس قىلىپ باقمىغان ئاجايىپ - غارايىب ئىشلارنى ھېس قىلىپ نەزەر دائىرىسى ۋە تەپەككۇرىنى كېڭەيتىدۇ، ئۆزىگە ھەم ئۆزى تۇرىۋاتقان مۇھىتقا بولغان چۈشىنىشى چوڭقۇرلاپ، ئىجادىيلىك رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتنىڭ ئۇلۇغ كۈچ قۇدرىتىدۇر.
ھالبۇكى، 21 - ئەسىر بىلىم ئىگىلىكى ۋە تەرەققىيات دەۋرى بولۇپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىتاب ئارقىلىق بىلىم ۋە ساۋاتقا ئېرىشىشتەك ئەنئەنىۋى ئەندىزەنىڭ ئورنىنى تور ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلەشتەك زامانىۋى ئەندىزە ئىگىلىدى، ھەتتا ئاۋازلىق ئېلېكتىرونلۇق ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئەنئەنىۋى قەغەزلىك ئەدەبىي ئەسەرلەردىن يىراقلاشتۇرىۋەتتى. كىشىلەر زۆرۈر بولغان ئۇچۇر - ساۋاتلارنى ئىزدىمەكچى بولسا ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى ئاچىدىغان بولدى، ھەتتا خەۋەرلەرنىمۇ گېزىتتىن كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن كىتابخانا ۋە كۇتۇپخانىغا كىرىدىغانلار تۈركۈملەپ ئازىيىپ كەتتى، نۇرغۇنلىغان ئېسىل كىتابلارنى توپا بېسىپ كەتتى. شۇڭا كىشىلەرگە كىتابنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكلىرىنى تونۇتۇپ، ئۇلاردا كىتاب ئۇقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش نۆۋەتتە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت بولۇپ قالدى.
كىتاب قىممەت باھالىق يۈكنى ئەجداتتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتېرنېت تورى بېرەلمەيدىغان زوقلىنىش ھېسسىياتىنى بەخش ئېتەلەيدۇ، قەدىناس دوستقا ئوخشاش ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەتتاكى سەپەر ئۈستىدە ھەمراھ بولالايدۇ، توك مەنبەسى يېتەرلىك بولۇشنى، ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كىشىلەر تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا كىتابتىن مەڭگۈ ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا پۈتكۈل جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى زامان ياشلىرىغا ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ ئۆزىنى غەپلەتتە قالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپلا قالماستىن، يەنە يازغۇچى ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىمۇ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلالايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپلىگەن نادىر، ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتىشى كېرەك.
ئومۇمەن، ئىنسانىيەت ياراتقان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە مۆجىزە پەقەت كىتابتۇر. كىتاب ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئۆلمەس روھى، ئۇلۇغ تارىخ سىمالىرىنى ئەبەدىي يورۇتۇپ تۇرىدىغان چىراق. ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ مەڭگۈلۈك ئېچىلماس سىر بولۇپ قالاتتى، ھازىرقى زامان كىشىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىدىن خەۋەرسىز قالاتتى. شۇڭا قەغەزلىك كىتابلارنى ئوقۇش ئادىتى يېڭى پەن - تېخنىكىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نادىر كىتابلارنى تېخىمۇ كۆپ يېزىپ، تۈزۈپ ۋە توپلاپ رەتلەپ قىممىتىنى نامايەن قىلىش، شۇنداقلا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە قارىتا تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ، ئۇلارغا قەغەزلىك كىتابتىن ھوزۇر ئېلىشنى بىلدۈرۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن كۇتۇپخانىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولماس مۇقەددەس بۇرچىدۇر.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا مەدەنىيەت ئۆيلىرى كۆپلەپ تەسىس قىلىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلار كىتابلارنى ھەقسىز ئوقۇيالايدىغان بولدى. كۇتۇپخانا خادىملىرى بۇنداق تېپىلماس پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر بولغان نادىر كىتابلارنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تونۇتۇپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا تولۇق يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...