2 - دەرسخانا پائالىيىتى توغرىسىدا

21 2012-12-06 11:20:19   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئاساسلىق ئوقۇتۇش شەكلى بولۇپ، بۇ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇئەييەن تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلىدۇر.
      دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوقۇتقۇچىنىڭ مەقسەتلىك، پىلانلىق ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىك بىلىم بېرىش، ئۇلاردا ئىقتىدار، ماھارەت، توغرا دۇنيا قاراش، ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسىي شەكلى. كىتابىي بىلىمدىكى ئۇقۇم، قائىدە، قانۇنىيەت، نۇقتىئىنەزەرلەر ئوقۇغۇچىلار ئۆزى بىۋاسىتە ئېرىشكەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىدىن ئالغان بىلىم بولماستىن، بەلكى ۋاسىتىلىق تەجرىبىلەردىن ئىبارەت.
      بىلىم ئىگىلەش ۋە ئەقلىي قابىلىيەت بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر - بىرىگە بېقىنىدىغان ئاساستىن ئىبارەت. بۇ خىل ئاساس بىر تەرەپتىن دەرسخانىدىكى بىلىم ئېلىش جەريانى ئارقىلىق ئىگىلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن 2 - دەرسخانا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ.
      دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن مەزمۇن ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە دەرسلىك قوللانمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. خاراكتېر ئېتىبارى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ نىسپىي يېتەكچىلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەۋىسى، قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىختىيارى قاتنىشىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى جەھەتتە زور جانلىقلىققا ئىگە. ئۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، تەتقىق قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە شەرت - شارائىت ھازىرلايدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى بىرلەشتۈرۈش ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئوقۇتۇش مېتودىدۇر. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت تەشكىللىشى، مەزمۇن تاللىشى ۋە تېما بېكىتىشىگە يېقىندىن ياردەم بېرىشى ھەمدە ھەر ۋاقىت ئىلھاملاندۇرۇپ يېتەكلىشى، 1 - دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن 2 - دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر