مەزى بېزى ئىششىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

195 2012-11-28 11:07:56   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      مەزى بېزى خالتىلىق ئىششىقى تۇغما ۋە كېيىن پەيدا بولغان دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كېيىن پەيدا بولۇش كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ مەزى بېزى توشۇغۇچى كانايچىلىرى ۋە بەز نەيچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىپ. مەزى بېزى ئاجراتمىلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. خالتىلىق ئىششىق كىچىكرەك چاغدا ئادەمدە ھېچقانداق ئارامسىزلىنىش كۆرۈلمەيدۇ، ئاسانلىقچە بايقىغىلى ۋە دىياگنوز قويغىلىمۇ بولمايدۇ، كۆپ قىسمى باشقا كېسەللەرنى تەكشۈرگەندە ياكى بەدەن تەكشۈرتكەندە مەقسەتسىزلا بايقىلىپ قالىدۇ. يىغىلىپ قالىدىغان مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خالتىلىق ئىششىقنىڭ ھەجمىمۇ بارغانسېرى چوڭلاپ يېنىدىكى تۈز ئۈچەي ۋە سۈيدۈك يولىنى بېسىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پات- پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سىيىش قىيىن بولۇش ۋە سۈيدۈك ئىنچىكە بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا چوڭ - كىچىك تەرەتلەرنى چىقىرىش ناھايىتى تەسلىشىپ كېتىدۇ.
      ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەگەر مەزى بېزىنىڭ دىئامېتىرى 0.7 سانتىمېتىردىن كىچىك ۋە باشقا ئالامەتلىرى بولمىسا، ۋاقتىنچە داۋالانماي يىلدا ياكى يېرىم يىلدا بىرەر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرسىلا بولىدۇ؛ ئەگەر ئىششىق يوغىناپ ئەتراپىدىكى باشقا ئەزالارنى بېسىپ بىئارام قىلسا، چوقۇم داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ. داۋالاشتا B تىپلىق ئاپاراتتا كۆرۈپ تۇرۇپ خالتىلىق ئىششىقنى تېشىپ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى تارتىۋەتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
      مەزى بېزى بىمارلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھاراق ئىچمەسلىكى، ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك، بولمىسا كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ؛ يەنە سۈيدۈكىنى تۇتىۋالماسلىقى، بەك چارچاپ كەتمەسلىكى ۋە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالماسلىقى، ئۇسسۇزلۇقنى كۆپرەك ئىچىشى كېرەك؛ ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ قالغان بولسا ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىشى، قانۇنىيەتلىك ھەم مۇۋاپىق بولغان جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلىشى كېرەك.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر