2011 - يىلىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا پائال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىش ئارقىلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن زەربىسىنى يېنىكلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما، پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى يەنىلا كىرىزىستىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يېتەلمىدى.
قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتا كۆپ
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى 2011 - يىلى بىرقەدەر تېز بولغان ئېشىش يۈزلىنىشىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 123 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ،2010 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7 ئاشقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 2011 - يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6 كە يېتىپ، 2010 - يىلىدىكى %5 لىك ئېشىش سەۋىيەسىدىن سەل يۇقىرى بولغان.
قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت چوڭ دۆلىتى بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى دۇنيا بويىچە 9 - ئورۇندا تۇرىدۇ. 2011 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا، قازاقىستاننىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 53 مىليون 190 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %0.5 ئاشتى؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىمۇ %9.4 ئارتتى. نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قازاقىستان ئېنېرگىيە پىششىقلاش سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى ھەمدە كۆپلىگەن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنى خام ئەشيا پىششىقلاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
قازاقىستان تاشقى سودا سوممىسىنىڭ زور نىسبەتتە ئېشىشى 2011 - يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىدۇر. قازاقىستان ئىستاتىستىكا مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا قازاقىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 91 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.3 ئاشقان. بۇندىن سىرت، يەنە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسىمۇ 17 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %46.2 ئاشقان.
قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ 2011 - يىلىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىسى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالغانلىقىدۇر. 2011 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليون توننا بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 16 مىليون توننا ئېشىپ، 55 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. مول ھوسۇل يېڭى مەسىلىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق ئىستېمالى چەكلىك، ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئاشلىقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامباردا ساقلاش شەرت - شارائىتى يار بەرمىگەنلىكتىن، زىيانغا ئۇچرىغان ئاشلىق مىقدارى ئومۇمىي ئاشلىق مىقدارىنىڭ %10 ىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇڭا قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئاشلىق ئېكسپورت ئىجازەتنامەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاشلىق ئېكسپورت مىقدارىنى 15 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشنى پىلانلاندى.
2011 - يىلى قازاقىستاننىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. 2011 - يىلى دەسلەپكى 10 ئايدا، قازاقىستاننىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئاران %4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە پىششىقلاش سانائىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.9 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى %10 لىك ئېشىش نىسبىتىدىن كۆپ تۆۋەن.
ئۆزبېكىستاننىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولدى
2011 - يىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى كىرىزىسقا قارشى پائال تەدبىرلەرنى قوللانغاچقا، بىرقەدەر تېز بولغان ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %8.2، سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %7، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.8، تاشقى سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %21.4، مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %8 بولدى.
ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ كېڭىيىشى ئۆزبېكىستاننىڭ 2011 - يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. 2011 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى مەھسۇلات مىقدارى %11.4، پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى %16.2، ئاھالىلارغا ھەقلىق مۇلازىمەت سوممىسى %14.2 ئاشتى. كىچىك كارخانا ئىگىلىكىمۇ كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. 2011 - يىلى دەسلەپكى 9 ئايدا كىچىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتى %26.5، مەھسۇلات ئېكسپورت مىقدارى %60 ئاشتى، كىچىك كارخانىلار مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان ئۈلۈشى %48.5 تىن %50.5 كە ئۆرلىدى.
پاختا ئۆزبېكىستان خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ماددىي ئەشيا بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى پېرېۋوت يارىتىدىغان ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. 2011 - يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ مول ھوسۇل ئېلىندى، پاختا ئومۇمىي كىرىمىمۇ 2 تىرىليون 400 مىليارد سۇم تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر غا يەتتى. ئەمما نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئازىيىپ كەتتى. 2011 - يىلى دەسلەپكى 10 ئايدا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 556 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.8 تۆۋەنلىدى؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 51 مىليارد 330 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.1 تۆۋەنلىدى.
ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلى دەسلەپكى يېرىم يىلدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 937 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.5 تۆۋەنلىدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %7.8 ىنى ئىگىلەپ، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئۈچىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالدى.
قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى
2011 - يىلى قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %9، %14.5 ۋە %5.1 بولدى. ئەمما، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، چىقىش نۇقتىسى ئوخشاشمايدۇ.
2011 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سودا ۋەزىيىتى ياخشىلاندى. 2011 - يىلى دەسلەپكى 8 ئايدا قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 773 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %34.6 ئاشتى.
تۈركمەنىستان يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى ھەمدە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇشىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2011 - يىلى تۈركمەنىستاننىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 400 مىليون توننىغا يېتىپ، تۈركمەنىستان تۇنجى قېتىم ئاشلىق ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى.
تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادى تاشقى ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىرقەدەر ئاستا بولماقتا. 2011 - يىلى تاجىكىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولۇپ، پاختا مەھسۇلات مىقدارى 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.
ئومۇمەن، 2012 - يىلىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كىرىزىسقا قارشى پائال تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ. ھالبۇكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى، مەبلەغ كەمچىل بولۇش، ئىستېمال ئېھتىياجى يۇقىرى بولماسلىق ۋە ئېكسپورتتا چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، 2012 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى گەرچە يەنىلا ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالالىسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىتىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ 2012 - يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى %5 تىن %7 كىچە بولۇپ، 2011 - يىلىدىكى سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...