2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلى قازاقىستان يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى رەت تەرتىپى بويىچە ياۋروپادىكى 33 دۆلەت ئىچىدە 4 - ئورۇندا تۇرغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قازاقىستاننىڭ ئاشلىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %9.6 بولۇپ، بېلورۇسسىيە %23.8، تۈركىيە %12.2 ۋە سىپرۇس %12.1 تىن كېيىنلا تۇرىدۇ. يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئەڭ تېز بولغان دۆلەتلەردىن يەنە مولدوۋا %7.4، ئەرمېنىيە %6.1، مالتا %5.6، چېخوسلوۋاكىيە %5.3، لىتۋانىيە %5. ۋە بۇلغارىيە %5 قاتارلىقلار بار.
بۇ رەت تەرتىپتە رۇسىيە 23 - ئورۇندا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %2.4، ئۇكرائىنا 31 - ئورۇندا %0.7، شۋېتسىيە 32 - ئورۇندا باھاسىدا ئۆرلەش بولمىدى( تۇرغان. يېمەكلىك باھاسى تۆۋەنلىگەن دۆلەت پەقەت نورۋېگىيەلا بولۇپ، %0.2 تۆۋەنلەپ كەتكەن.
قازاقىستاندىكى گۆش ۋە پىششىقلانغان گۆش يېمەكلىكلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولۇپ، رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇندىن قالسا پولشا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولماقتا.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...