قازاقىستان يېڭى »كىرىزىسقا قارشى پىلان« نى تۈزمەكچى

69 2012-11-16 10:58:52   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      خەلقئارا يازما تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زەربىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، قازاقىستان زۇڭلىسى ماكسىموۋ مۇئاۋىن زۇڭلى كېرىمبېتوۋنى دۆلەت بانكىسى، سامرۇق - كازىنوي فوندى، ئاستانە شەھىرى، ئالمۇتا شەھىرى ۋە ھەرقايسى ئوبلاست ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە 2012 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئىلگىرى يېڭى كىرىزىسقا قارشى پىلان نى تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرۇدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
      ماكسىموۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى كىرىزىسقا قارشى پىلان نىڭ ئۈچ مۇھىم نۇقتىسى بار: بىرىنچى، ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، يەنى ئەگەر ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىملىقى ساقلاپ قېلىنمىسا، ئۇ ھالدا كىرىزىسقا قارشى ھەرقانداق تەدبىر كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ؛ ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىش، يەنى كىرىزىس مەزگىلىدە قىسمەن كارخانىلار تاقىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى نۆۋەتتىكى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىش؛ ئۈچىنچى، باجنى كېمەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، يەنى ئىچكى ئېھتىياج مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ھازىر بار بولغان كارخانىلارنىڭ كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوللاش.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر