1.ساپ پاختىدىن ئىشلەنگەن مايكا ۋە كۆينەكلەرنى كىيىشتىن بۇرۇن قايناقسۇدا يۇيىۋەتسە ھەم سۈركىلىشكە چىداملىق بولىدۇ ھەم رەڭگى ئۆڭمەيدۇ.
2.پادىچىلار شىمىنى يۇيغاندا ئاسانلا ئۆڭۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى يۇيۇشتىن بۇرۇن سوغۇق قويۇق تۇز سۈيىگە 2 سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن سوپۇن بىلەن پاكىزە يۇيىۋەتسە رەڭگى ئاسانلىقچە ئۆڭمەيدۇ.
3.يۇڭ مايكىنى يۇيغاندا ئاسانلا ئۆڭۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنى يۇيۇشتىن بۇرۇن سوغۇق چايغا 10 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ ئاندىن ئادەتتىكى ئۇسۇلدا يۇيسا، پاكىز يۇيۇلۇپلا قالماستىن رەڭگى ئاسانلىقچە ئۆڭمەيدۇ، ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.
4.رەڭلىك رەختلەرنىڭ يۇيۇلۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ئاسانلا ئۆڭۈپ كېتىپ كۆركەملىكىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق رەختلەرنى يۇيغاندا قىزىق سۇ، سوپۇن سۈيى ۋە تۇزلۇق سۇغا ئۇزۇن چىلىۋەتمەسلىك، كىر يۇيۇش تاختىسى ئىشلەتمەسلىك ياكى چوتكا بىلەن چوتكىلىماسلىقتىن باشقا، يەنە كىر يۇيىدىغان سۇغا ئازراق تۇز سېلىۋېتىپ يۇيۇپ، ئاندىن پاكىزە چايقىۋەتسە رەڭگى ئاسانلىقچە ئۆڭمەيدۇ.
5. يۇيغان كىيىملەرنى تەتۈر ئۆرۈپ قۇرۇتۇش، سىرتقى يۈزىگە بىۋاسىتە نۇر چۈشۈرمەسلىك كېرەك.
تۇرپان شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن ياسىن ئىبراھىم تەييارلىغان
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...