1. ئەتىگەندە ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان سۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
2. پاكىز سۇ ئىچىش، ئىچىملىكنى قايناق سۇ ئورنىدا ئىچمەسلىك كېرەك.
3. سۇنى ئۇسسىغاندىلا ئىچمەي، ئادەتتىمۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك.
4. چېنىقىشتىن ئاۋۋال ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىش، چېنىقىش داۋامىدا ھەر 15 مىنۇتتا ئىككى يېرىم ئىستاكان سۇ ئىچىش، چېنىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ، ھەر يېرىم كىلوگىرام يېنىكلىگەندە ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك.
5. ئادەتتە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىت 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسىلا، بەدەننىڭ ئېلېكتىرولىتى ۋە مىنېرال ماددىسى كۆپ سەرپ بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يېتەرلىك سۇ ئىچىپ بەرسىلا كۇپايە.
6.ياز كۈنلىرىدىكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋاقتى 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، قايناق سۇغا ئازراق مېۋە شىرنىسى ۋە قەنتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك. لېكىن قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىك مەسىلەن، گازلىق سۇ قاتارلىقلار نى ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى يۇقىرى قەنت ماددىسى بەدەننىڭ سۇنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
7. ۋاقتى قەرەلىدە سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...