جاڭيۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئاسىيالىقلار تاماق ئەتكەندە دائىم ئىشلىتىدىغان جاڭيۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان بىر خىل تەبىئىي تەركىبنى پەيدا قىلىدىكەن. بۇ خىل تەركىب ئەركىن رادىكالنىڭ بەدەنگە نىسبەتەن زىيىنىنى ئازايتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى ۋىتامىن C ۋە E قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى دورىلارغا قارىغاندا 10 نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
دەسلەپكى قەدەمدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بىر تېمىم جاڭيۇنىڭ ئەركىن رادىكالنى كونترول قىلىش ئۈنۈمى بىر بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن تەڭ ئىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، جاڭيۇ ۋىتامىن C ۋە E غا ئوخشاش ئەركىن رادىكاللارنى بەلگىلىك مىقداردا يوقاتقاندىن كېيىن، يەنە باشقا ئەركىن رادىكاللارنىمۇ ئۈزلۈكسىز يوقىتىدىكەن. بۇ بايقاش جاڭيۇدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان تەركىبدىن بىرنەچچە خىلى بارلىقىنى، ھەرقايسى تەركىبلەرنىڭ ئەركىن رادىكالنى يوقىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقات خادىملىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ئىلىم - پەن ساھەسىنىڭ جاڭيۇدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان بۇنداق يۇقىرى تەركىبنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىشى. بۇ خىل تەركىب ئىنسانلارنىڭ قېرىشىنى كونترول قىلالايدىكەن ھەم راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار ئىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...