ئۇيقۇسىزلار: مۇبادا ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا، بەدەن ھۈجەيرىلىرى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، راك ھۈجەيرىلىرىگە ئايلىنىپ كېتىپ قېلىشىنى تىزگىنلىيەلمەي قالىدۇ.
دائىم چوڭ - كىچىك تەرىتىنى تۇتۇۋالىدىغانلار: سۈيدۈكتە راك پەيدا قىلىدىغان بىر تۈرلۈك ماددا، چوڭ تەرەتتە ھىدروگېن سۇلفىد قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار بولۇپ، ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىش كېرەك.
بەدىنىدە خولېستېرىن كەملەر: ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىن زىيادە ئېشىپ كەتسە، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ياكى سەكتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما زىيادە ئاز بولسىمۇ ئوخشاشلا تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغانلار: دائىم گۆشلۈك تاماق ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى باشقىلارغا قارىغاندا 2.5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
رېئاكسىيەچان تەنلىكلەر: رېئاكسىيەچان زىققا كېسىلى بار، دورا ياكى خىمىيەلىك سىناقلار رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر ھېچنېمە رېئاكسىيە قىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
بەدىنىدە ۋىتامىن كەملەر: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بەدىنىدە ۋىتامىن كەم كىشىلەر ئاسانلا راك كېسىلىنىڭ تاجاۋۇزى غا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.
چاينى ھەمىشە قېنىق ۋە قىزىق ئىچىدىغانلار: دائىم قېنىق دەملەنگەن قىزىق چاي ئىچسە، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر تېز پارچىلىنىدىكەن، پارچىلانغان بۇ ھۈجەيرىلەر ئوڭايلا راك توقۇلمىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن.
قان بېسىمى يۇقىرىلار: بۇنداق كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...