سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىرقەدەر ئېغىر كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ماغدۇرسىزلىنىش: ماغدۇرسىزلىنىش بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ، كىشىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. چۈنكى ماغدۇرسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنداق چاغدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈك ۋە قاننى تەكشۈرتۈش كېرەك.
2.ئىششىش: ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندا كۆز قاپىقى ئىششىپ قوپۇش، چۈشتىن كېيىن ئىششىق يېنىش؛ ھېرىپ - چارچاشتىن كېيىن ئىككى پۇت ئىششىش، ئازراق دەم ئالغاندىن كېيىن ئىششىق يېنىش ئالامەتلىرى سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇپ ئەينەككە قارىغاندا يۇقىرىقى ئىششىق بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
3.چىراي سارغىيىش: سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەندە ئادەمنىڭ چىرايى سارغىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەندە قان ئازىيىپ كېتىدۇ - دە، چىراي سارغىيىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئالامىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بايقىغىلى بولمايدۇ.
4. تېرە قىچىشىش: سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەندە ئادەمنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، بەدىنىدە ئاندا - ساندا سۆسۈن داغ پەيدا بولىدۇ.
5. ئىشتىھا تۇتۇلۇش: بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا سۈيدۈك زەھىرى بەدەنگە يىغىلىپ قېلىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ - دە، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماققا كۆڭلى تارتماس بولۇپ قالىدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...