تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى قول سائىتىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدۇ

47 2012-10-15 13:19:28   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى قول سائىتىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى %20 تىن %10 كە تۆۋەنلەتكەن. بۇ قارار 2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىل يەنى 2012 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان.
      تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەڭ تۆۋەن باج ئېلىش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈردى. يەنى ئىلگىرى بىر دانە قول سائىتىدىن 3 ياۋرو باج ئېلىنغان بولسا، ھازىر 10 ياۋرو ئېلىنىدىغان بولدى.
      تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى قول سائىتىدىن باشقا، يەنە قويۇن سائىتى ۋە سېكۇندومېر قاتارلىق باشقا تۈردىكى سائەتلەرگە تاقىلىدۇ. بۇ سائەتلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ شۇكى، سائەت قېپى قىممەتلىك مېتاللاردىن ياسالغان بولماسلىقى ياكى قىممەتلىك مېتال يالىتىلماسلىقى كېرەك.
      سائەت قېپى قىممەتلىك مېتالدىن ياسالغان (ياكى قىممەتلىك مېتال يالىتىلغان قول) سائەتلەرگە قارىتا يەنىلا ئەسلىدىكى %20 لىك ئىمپورت تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈلىدۇ. لېكىن بىر دانە قول سائەتتىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى 6 ياۋرودىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر