ئوتتۇرا ئاسىيا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش بازىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

58 2012-10-12 12:42:05   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      شىنجاڭ جياشېڭ قۇياش نۇرى شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ شىنجاڭ جياشېڭ دەپ ئېلىندى) خەلقئارا سودا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چيۇ جۇڭلىڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدا، ياۋروئامېرىكا بازارلىرى بەلگىلىك چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، شىركەت ئاساسلىق بازارنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتتى. نۆۋەتتە، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يېڭىدىن باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت يۈزلىنىشى ياخشى، بازار ئىستىقبالى پارلاق.
      شىنجاڭ جياشېڭ بولسا مەخسۇس شامال كۈچى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال كۈچى - قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلاپ توك تەمىنلەش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي قوللىنىدىغان ۋە ئومۇملاشتۇرىدىغان يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى تاشيول يورۇتۇش ۋە ئائىلىلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. چيۇ جۇڭلىڭ مۇنداق دېدى2011 : - يىلى 7 - ئايدا مەزكۇر شىركەت »ئوتتۇرا ئاسىيا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى خەلقئارا تەربىيەلەش كۇرسى« دا تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ، سودا ھەمكارلىقى ئورناتتى. نۆۋەتتە، بىر قىسىم قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىپلا قالماستىن، يەنە بىر تۈركۈم يوشۇرۇن خېرىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى سۆھبەت باسقۇچىغا كىردى. 2011 - يىلى شىنجاڭ جياشېڭ نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى ئېكسپورت قىلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىلغان مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئىبارەت.
      شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا پەن - تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيې شۇلىڭ مۇنداق دېدى: »ئوتتۇرا ئاسىيا قۇياش ئېنېرگىيەسى توك مەنبەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىشلىرى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەم سودىلىشىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جۇڭگونىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدۇ، شۇڭا رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان >ئوتتۇرا ئاسىيا قۇياش ئېنېرگىيەسى توك مەنبەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى خەلقئارا تەربىيەلەش كۇرسى< قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشمەكتە«.
      تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭغا ئوخشاش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كۆپ قىسىم قۇياش ئېنېرگىيەسى مەنبەسى مول رايونلاردا، بولۇپمۇ چەت - ياقا رايونلاردا يەنىلا غايەت زور ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت، بۇ رايونلاردا كىچىك تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىكەن. نيې شۇلىڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يېڭى ئېنېرگىيە ئىگىلىكىنىمۇ ئىنتايىن قوللايدۇ، لېكىن ئېلىمىزنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىگىلىكىنى يۆلەش ھۆكۈمەت سىياسىتى، شامال كۈچى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ توك تارقىتىشنى قوللاش سىياسىتى ھەم تۈر تۇرغۇزۇپ قەرز پۇل بېرىشتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى قانداق ئۆگىنىش ۋە كونكرېت يۈرگۈزۈشنى بىلمەيدۇ. بۇ سىياسەتلەر ئېلىمىزنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق.
      چيۇ جۇڭلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: <ھازىر قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش مەھسۇلاتلىرى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۇقراۋى بازارلارغىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ ساھەدىكى تاشقى سودا سوممىسىنى زور نىسبەتتە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تۈر ھەمكارلىقى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەركىبگە ئىگە چوڭ تىپتىكى تېخنىكا - ئۈسكۈنىلەر ئېكسپورتىنى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ>

                   

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر