شىنخۇا تورىنىڭ 6-چىسلا پارىژدىن ئەۋەتكەن تېلگىراممىسى: فىرانسىيە ساقچى تەرەپ 6-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن پايتەخىت پارىژ، شەرقتىكى سىتىراسبورگ شەھرى، جەنۇبتىكى نىس ۋە گانا شەھرى قاتارلىق جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا تىرورلۇققا قارشى ھەركەت قوللىنىپ 10 نەچچە نەپەر ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنى قولغا ئالغان.
فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىتراسبورگدا 1 نەپەر ئەر ئوق چىقىرىپ تۇتۇشقا قارشى چىققان بۇلۇپ ئېتىشىش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 3 نەپەر ساقچى يارلانغان. فىرانسىيە ساقچى تەرەپ 6-چىسلا تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ " سارافىست ھەركىتى "نىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ تەشكىلات يەھۇدىلارنى نىشان قىلىپ ھۇجۇم قىلىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بىر ئادەم پارىژ چوڭ رايۇنىدىكى ۋالدىۋاز ئۆلكىسىدىكى بىر ماگزىنغا قارىتىپ پارتىلاتقۇچ ئاتقان، پارتىلاشتا 1 ئادەم يىنىك يارلانغان. ھۇجۇم ۋەقەسى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايۇنىدا ئەنسىزلىك ۋە غەزەپنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ "سارافىست ھەركىتى" نىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتلىشىچە، فىرانسىيە دۆلەت ئىچى ئاخبارات باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت تىرورلۇققا قارشى تارماقلىرى 6-چىسلادىكى تىرورلۇققا قارشى ھەركەتكە رەھبەرلىك قىلغان.