خوراز گۆشى مۇسبىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بەدەن ئاجىزلىق ۋە ئىشتىھاسىزلىققا داۋا قىلىدۇ؛ مېكىيان گۆشى مەنپىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ياشانغانلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇزۇن مەزگىل كېسەل بولۇپ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەرگە داۋا قىلىدۇ. ئۇنىڭ گۆشىدىن باشقا جىگىرى، بۆرىكى، يۈرىكى، ئۆتى، مېڭىسى، قېنى ۋە تۇخۇمىمۇ قىممەتلىك دورا ھېسابلىنىدۇ.
توخۇ گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ياخشى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، قوۋۇرغىنى چىڭىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش، ئاق خۇننى توختىتىش، باھنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رولى بار.
توخۇ جىگىرى − جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەيدە ئاغرىش، ناماز شام قارىغۇسى، قان ئازلىققا شىپا قىلىدۇ.
توخۇ بۆرىكى − بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، خاپىغانلىق، ئۇنۇتقاقلىق، ئۇيقۇسىزلىق، قول ئالىقىنى قىزىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
توخۇ ئۆتى − ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.
ھەمبەھىرلىنىڭ