بىر قىسىم كىشىلەر سەرەڭگە تېلى، قۇلاق كولىغۇچ ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن قۇلىقىنى كوچىلاپ، قۇلىقىدىكى كىرنى ئالىدۇ. بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس، چۈنكى قۇلاق ئىچىدىكى ئەزالار ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، قۇلاق كوچىلىغاندا ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. مەسىلەن سەرەڭگە تېلى، قۇلاق كوچىلىغۇچ ۋە باشقا نەرسىلەر پاكىز بولمىغاچقا، ئۇلار بىلەن قۇلاق كوچىلىغاندا قۇلاقنىڭ مىكروبلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇلاق ياللۇغلىنىش، قۇلاقتىن قان - يىرىڭ ئېقىش، ھەتتا گاس بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنداقتا قۇلاقتىكى كىرنى قانداق قىلغاندا توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ كۆپلىگەن كىشىلەر قۇلاق كىرىنىڭ قۇلاقنى ئاسراش رولى بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. قۇلاق كىرى ئىنتايىن ئاچچىق ۋە چاپلاشقاق بولۇپ، قۇلاقنى ئاسراش رولى كۆرۈنەرلىك، ئۇ سىرتتىن كىرگەن چاڭ - توزانلارنى قۇلاققا كىرگۈزمەي توسىۋالىدۇ، ھەتتا قۇلاقنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ئۇششاق قۇرتلارمۇ قۇلاق كىرىنىڭ ئاچچىقلىقىدىن دەرھال قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا قۇلاقنىڭ كىرى كۆپىيىپ كەتكەندە، قۇلاقنى كوچىلىمىسىمۇ، ھەرىكەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈش جەريانىدا ئۆزلىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ. كىر بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ قۇلاقنى ئېتىۋالسا، بارماق بىلەن ئېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ