ھامىلدار ئاياللار زۇكام دورىسى ئىچمەسلىكى كېرەك

81 2012-10-08 12:37:03   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1.زۇكامنىڭ ھامىلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى
      ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلمىسا ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ۋىرۇس قان ئارقىلىق بالا ھەمرىيىغا ئۆتۈپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئېغىر بولغاندا بالىنىڭ توشقان كالپۇك، تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە غەيرىي ياكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنى، بىماردا بولسا بويىدىن ئاجراش قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، يەنە ھامىلدار ئاياللار زۇكام سەۋەبىدىن قىزىغاندا بالا ھەمرىيىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ۋە ئىنكاسى ئاستا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلسە بالا ئۆلۈك تۇغۇلۇش ۋە بويىدىن ئاجراش نىسبىتى ئېشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلە كىچىك ۋاقتىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
      2.ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قالغاندا قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر
      ھامىلدار ئاياللار زۇكام بولۇپ قالغاندا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. ئۆزى بىلگىنىچە زۇكام دورىسى ئىچسە، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى زۇكام دورىسى تەركىبىدە ئادەم مېڭىسىنى تورمۇزلاپ ئۇخلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە تەركىبلەر ۋە باشقا تۈردىكى ئادەم بەدىنىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان خىمىيەلىك بىرىكمىلەر بولۇپ، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ھامىلەنىڭ مېڭە قىسمىنى زەخىملەندۈرۈپ، ھامىلەنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇش ۋە ھەر خىل ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار زۇكام دورىسى ۋە باشقا قوشۇمچە تەسىرى بار دورىلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر دورا يېگەنلىكى ئېنىق بولسا ۋە دورا يېمىگەن تەقدىردىمۇ زۇكام ئېغىر بولغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھامىلەنى ئالدۇرۇۋېتىش كېرەك.
      ئەگەر زۇكام بىرقەدەر يېنىك بولسا، يەنى چۈشكۈرۈش، ماڭقا ئېقىش، يېنىك يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرىسى نورمال بولسا، ھامىلەگە ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشى، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىشى كېرەك. ئەھۋالغا قاراپ ۋىتامىن، ئوسما يىلتىزى تالقىنىبەنلەنگېن قاتارلىقلارنى ئىچسە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر