ئانار 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يوپۇرماق چىقىرىپ، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا چېچەكلەشكە باشلايدۇ. ئانارنىڭ چېچەك، مېۋىلىرى كۆركەم بولغاچقا، ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈشكە باپ كېلىدۇ. لېكىن، ئانار پەرۋىشى تېخنىكىلىق ئۇسۇل بويىچە ئىشلەنمىسە، چېچىكى كۆپ تۆكۈلۈپ كېتىش سەۋەبىدىن مېۋىلىمەسلىك ياكى ئاز مېۋىلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ئاناردا ئىككى خىل چېچەك بولىدۇ، بىرى ھەقىقىي چېچەك، يەنە بىرى يالغان چېچەك. ئادەتتە يالغان چېچەكتە مېۋە بولمايدۇ، ھەقىقىي چېچەكتە مېۋە بولىدۇ. يالغان چېچەك ئاتىلىق چېچەك ياكى ئەركەك چېچەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما، ئادەتتە يالغان چېچەك تۆكۈلۈشتىن سىرت، مېۋە چېچىكىمۇ تۆكۈلىدۇ. سەۋەبى: بىرىنچىدىن، ئانار دەرىخى كۈن نۇرى ۋە ئىسسىقلىقنى خالايدۇ. كۈن نۇرى تولۇق چۈشمىسە، فوتوسىنتېز رولى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېۋە، چېچىكى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، چېچەك مەزگىلىدە سۇغىرىش: ئانار ئادەتتە سۇنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ، چېچەك مەزگىلىدە سۇغۇرۇلسا، ئوزۇقلۇق مىقدارى تۆۋەنلەپ، چېچەك ۋە مېۋىسى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوغۇت يېتىشمەسلىك: ئانارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كۆپ مېۋىلىشى يېتەرلىك ئوغۇتقا مۇھتاج. شۇڭا، ئوغۇت يېتىشمىسە، چېچەك ۋە مېۋىسى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. تۆتىنچىدىن، ئانار تىككەن يەرنىڭ شورلۇق، زەيلىك بولۇشى چېچەك ۋە مېۋىسىنىڭ تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئانارنىڭ چېچەك ۋە مېۋىلىرىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقى 4 ئامىلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۈن نۇرى چۈشۈش، ھاۋا ئۆتۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، چېچەك مەزگىلىدە سۇغارماسلىق، يىللىق سۇغۇرۇش مىقدارىنى 43 قېتىمدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك لازىم. ئانار دەرىخىنى كۈزدە ياكى ئەتىيازدا ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، تولۇق چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، تۈۋىدىن چىققان ياش نوتىلارنى باشقۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئانار يەر ئاستى سۈيى تېيىز، زەيلىك، شورلۇق يەرگە تىكىلگەن بولسا، ئانار تۈۋىگە قۇم قۇيۇپ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ