تېرىقچىلىقتا بىر قىسىم دېھقانلار تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، تەرخەمەك بىلەن شوخلىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرىدۇ. بۇ ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇل بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل زىيىنى بار:
1. كۆكپىتنىڭ زىيىنىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ
تەرخەمەك بىلەن شوخلا ناھايىتى ئاسانلا كۆكپىتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ، ئەگەر بىرسىدە بۇ ھاشارات پەيدا بولسا، تېز سۈرئەتتە يەنە بىرسىگىمۇ تارقىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يوقىتىش تېخىمۇ تەسكە چۈشىدۇ.
2. ئۆزئارا ئۆسۈشىنى چەكلەيدۇ
ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈش جەريانىدا ئاجرالما ۋە گاز چىقىرىدۇ، تەرخەمەك بىلەن شوخلا چىقارغان ئاجرالما ۋە گاز بىر - بىرىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدۇ. ئەگەر بۇ ئىككىسىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىسا، ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىپ، ئىككىلىسى ياخشى ئۆسەلمەيدۇ.
3. پەرۋىش قىلىش تەس بولىدۇ
تەرخەمەك بىلەن شوخلىنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى تېمپېراتۇرا تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرسە، تېمپېراتۇرا جەھەتتە ئىككىلىسىنىڭ تەلىپىگە يەتكىلى بولماي، ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ