يازلىق يېسىۋېلەك سالقىن كىلىماتنى ياقتۇرىدۇ، يازدا يازلىق يېسىۋېلەك ئۆستۈرگەندە، كۈچلۈك ئاپتاپ، قۇرغاقچىلىق، قارا يامغۇر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە مەھسۇلاتى كېمىيىپ كېتىدۇ ياكى ھېچقانداق ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ. يازلىق يېسىۋېلەك ئۆستۈرۈشتە ئاپتاپ توسۇش تورىنى ئىشلەتكەندە، يازلىق يېسىۋېلەكنى يازدىمۇ بىخەتەر ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئاپتاپ توسۇش تورىنى ئېتىزغا يېپىش
يازلىق يېسىۋېلەكنى تېرىپ بولۇپ دەرھال توپا يېپىپ سۇغۇرۇش، ئاندىن كېيىن تاختا يۈزىگە قارا ئاپتاپ توسۇش تورىنى يېپىش كېرەك. ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن ئاپتاپ توسۇش تورىنى دەرھال ئېچىۋېتىپ، يەنە بىر يېڭى تېرىلغان ئېتىزغا يېپىپ، تەكرار ئىشلىتىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: تەكشى ئۈنىدۇ، ئەمگەك كۈچى تېجىلىدۇ، ئۈنۈشتىن بۇرۇن قاتتىق يامغۇر زەربىسىدە مايسىلارنىڭ نابۇت بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
كىچىك كېمىرسىمان لاپاس ياكى پاكار تۈز لاپاسقا ئاپتاپ توسۇش تورى يېپىپ ئۆستۈرۈش
تېرىغاندىن تارتىپ ئۈنگىچە بولغان مەزگىلدە تاختا يۈزىگە ئاپتاپ توسۇش تورىنى ياپقاندىن باشقا، يەنە ئۈنگەندىن كېيىن تاختا يۈزىگە 0.8-1 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كىچىك كېمىرسىمان لاپاس ياكى پاكار تۈز لاپاس ياساپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتاپ توسۇش تورى ياپسا، يۇمران مايسىلارنىڭ بىرقەدەر تۆۋەن تۇپراق تېمپېراتۇرىسى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا قاتتىق يامغۇرنىڭ ۋە يازدىكى كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماي ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يازلىق يېسىۋېلەكنى يىغىۋېلىشتىن 3~5 كۈن ئىلگىرى ئاپتاپ توسۇش تورىنى ئېلىۋېتىپ، يوپۇرماق رەڭگىنىڭ تەبىئىي ھالەت ئۆلچىمىگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يازلىق يېسىۋېلەكنىڭ تاۋارلىقىنى ياخشىلاش كېرەك.
چوڭ لاپاسقا ئاپتاپ توسۇش تورى يېپىپ ئۆستۈرۈش
يازدا چوڭ لاپاسنىڭ رامكىسىدىن پايدىلىنىپ، لاپاسنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى تىك يۆنىلىشتىكى تاياقچىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۈستىگە ئاپتاپ توسۇش تورى يېپىپ، يازلىق يېسىۋېلەك تېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لاپاس ئۈستىگە بىر قەۋەت سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ، ئاندىن ئۈستىگە بىر قەۋەت ئاپتاپ توسۇش تورى ياپقاندا ھەم يامغۇرنى، ھەم ئاپتاپنى توسۇپ، ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
يازلىق يېسىۋېلەكنى ئاپتاپ توسۇش تورى يېپىپ ئۆستۈرۈشتىن باشقا، يەنە ئىسسىقا چىداملىق، كېسەللىككە تاقابىلچان يازلىق يېسىۋېلەك ئەلا سورتلىرىنى، مەسىلەن رېيۇ -1، ئەيزا -1، شاڭخەي يازلىق يېسىۋېلەكى ۋە خاڭجۇ يازلىق يېسىۋېلەكى قاتارلىقلارنى تاللاپ تېرىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا يازدىكى پايدىسىز كىلىمات شارائىتىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، مۇددەتكە ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ بىۋاسىتە تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئۇرۇق سېلىش مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئادەتتە ھەر 667 كۋادىرات مېتىر يەرگە 1.5-2 كىلوگىرام ئۇرۇق سېلىنىدۇ. مايسا بېكىتىلگەندىن كېيىن قۇر ئارىلىقى 6cm، تۈپ ئارىلىقى 4cm قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، سالقىن، سۇ ساقلىشى ياخشى ئەت تۇپراقلىق يەرگە ۋە سۇ مەنبەسىگە يېقىن، سۇغۇرۇشقا قولايلىق يەرلارگە تېرىش، ھەمدە ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم سۇغۇرۇش پىرىنسىپىنى ئىگىلەش كېرەك، پۈركۈپ سۇغىرىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئادەتتە تېرىلىپ 18-25 كۈندە يىغىۋالسا بولىدۇ، ھەر 667 كىۋادرات مېتىر يەردىن 1000-1500 كىلوگىرام يازلىق يېسىۋېلەك يىغىۋالغىلى بولىدۇ.
ئوباما كالباسا بولكىسى سېتىۋالدىغان ۋاقىتتا ‹بايلىقىنى كۆز...
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭلىجۇنگە 15يىللىق ...
قىسمەن خېرىدارلار iPhone 5 نىڭ Wi-Fi ئۇلىنىشى بىنورمال ئەھۋاللارن...
ئامېرىكىلىق بىر ئەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا «ئالما» قىزىتق...
ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم كۆرگەزم...