تاۋۇزنى خىلور تەركىبلىك بىرىكمە ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشقا بولامدۇ

0 2012-09-25 12:25:39   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      تاۋۇز خىلوردىن ‹پەرھىز› تۇتىدىغان زىرائەت، خىلور تەركىبلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىسا، قەنتنىڭ توپلىنىشىغا تەسىر يېتىپ، تاۋۇزنىڭ تەمى ۋە تاۋارلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.
      ئەسكەرتىش: ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاۋۇزنى خىلور تەركىبلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغان ۋە گۈڭگۈرت تەركىبلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا مەھسۇلاتتا كۆرۈنەرلىك پەرق بولمايدۇ. لېكىن سۈپەتتە پەرق چوڭ بولىدۇ. تاۋۇزنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىلور تەركىبلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاپ، فوسفور ۋە كالىي بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، مەھەللىۋى ئوغۇت ۋە كۈنجۈرە بىلەن ئوغۇتلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا مۇنبەت ياكى قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئۆستۈرۈش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر