دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشچە ، پاكىستان پۈتۈن دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىش قەدىمىگە يېتىشەلمەي قالغان ، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا سودىسىدا ئىگىلىگەن مۇناسىپ نىسبىتى 1990-يىلىدىكى % 0.2 تىن 2011-يىلىدىكى % 0.18 كە چۈشۈپ قالغان . WTO نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشچە ، 2011-يىلى پاكىستاننىڭ ئېكىسپورت سوممىسى25 مىليارد 344 مىليون ، ئىمپورت سوممىسى 44 مىليون 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ ، سودا ئۇمۇمىي سوممىسى 69 مىليون 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان ، شۇ يىلى پۈتۈن دۇنيا سودا ئومۇمىي سوممىسى 36 تېرىليون 693 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان . پاكىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدىن ھىندىستاننىڭ پۈتۈن دۇنيا سودىسىدا ئىگىلىگەن مۇناسىپ نىسبىتى 1995 -يىلىدىكى % 0.4 تىن 2011-يىلىدىكى % 1.8 كە كۆتۈرۈلگەن ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىگەن مۇناسىپ نىسبىتى % 9.8 كە كۆتۈرۈلگەن . نۇرغۇنلىغان پاكىستان سودىگەرلىرى پاكىستان سودىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەپ توقۇمىچىلىق ئاساس قىلىنغان سودا سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت دەپ قارايدىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق ، 2011-يىلى پاكىستان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا ئىگىلىگەن مۇناسىپ نىسبىتى ئارانلا % 3.95 بولۇپ ، 2011-يىلى پۈتۈن دۇنيا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 1 تېرىليون 447 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان
ھەمبەھىرلىنىڭ