پاكىستان تالىباننىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىبېشىنى قويۇپ بەرمەكچى

0 2012-08-10 10:58:43   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    <ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى> نىڭ 9-ئاۋغۇسىتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،پاكىستاننىڭ تالىباننىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىبېشى بارادار (Mullah Abdul Ghani Baradar) نى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق تالىبان بىلەن بولغان يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

    بارادار 2010-يىلى 2-ئايدا پاكىستان كاراچىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ،ئۇ تالىباننىڭ رەھبىرى ئۆمەر (Mullah Muhammad Omar) دىن قالسىلا تالىباندا تەسىر كۈچى چوڭ بولغان قوماندان دەپ قارالغان.

   ھازىر تالىبان بىلەن بولغان يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پاكىستان تەرەپ ئۇنى قويۇۋېتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.ئىگىلىنىشىچە،بارادار قولغا ئېلىنغاندا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博