تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىدىكى بىر ئەمەلدار يېقىندا، تۈركمەنىستان - پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئاللىبۇرۇن IPAT تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى يەتكۈزۈش تۈرى ھەققىدە باھا كېلىشىمىنى ئىمزالاپ بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ كونكرېت باھاسى ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشكارىلىمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركمەنىستان - پاكىستان ئىككى دۆلەت ئافغانىستان بىلەن تەبىئىي گازنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش خىراجىتى ھەققىدە كېلىشىم تۈزمىگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: تۈركمەنىستان پۈتكۈل يەر شارى بويىچە تۆتىنچى چوڭ تەبىئىي گاز ئامبىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ تەبىئىي گازىنى رۇسىيەدىن باشقا رايونلارغا ئېكسپورت قىلىپ، ياۋروپا قىتئەسى ۋە ئاسىيا قىتئەسى بازىرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى، تۈركمەنىستان جەنۇبىي ئىئولوتان(natoloI htuoS) نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گازىنى پاكىستان بىلەن ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىغانىدى، ئەمما بۇ تۈردە تا بۈگۈنگە قەدەر ئىش باشلانمىدى. بۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1700 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ