31-ئىيۇل ،كۆنەس ناھىيىسىنىڭ ئارالتۆبە كەنتىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا تاغ گۆمۈرۈلىشى بىلەن ئارالتۆبەدىكى بىر ۋاقىتلىق خىزمەت چېدىرى كۆمۈلۈپ قالدى ، 31-ئىيۇل سائەت 22گىچە لاي لاتقا ئاپىتى يۈز بېرىپ 16ئادەم قازا بولغان 21ئادەم يوقاپ كەتكەن .
ئاپەت كەلگەندىن كېيىن شەھەر دىرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر ئاپەت رايونىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان .
ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقىنى قوغداش ئىدارسىنىڭ نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشىچە ، بۇ قېتىمقى گۆمۈرۈلگەن تاغنىڭ ئۇزۇلىقى 2 كىلومېتىر ، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 50مېتىر ، تېيىزلىكى 6مېتىر ، 1مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق قوم شېغىلنىڭ پەيدا بۇلۇشىغا سەۋەب بولغان . ھازىر قۇتقۇزۇش يەنە داۋاملاشماقتا .
31-ئىيۇل قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماقتا