قازاقىستان خەلقئارا يازما تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە - بېلورۇسسىيە - قازاقىستان تاموژنا ئىتتىپاقدىشى كومىتېتىنىڭ 32 - قېتىملىق قەرەلىك يىغىنى بىر قاتار تېخنىكىلىق قانۇن - نىزاملارنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئاپتوموبىل ۋە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكى، لېفىت بىخەتەرلىكى، ئاسان پارتىلايدىغان مۇھىتتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، ئاپتوموبىلغا ۋە ئاۋىئاتسىيەگە ئىشلىتىلىدىغان بېنزىن، دىزېل، پاراخوتقا ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ، رېئاكتىۋ دىۋىگاتىلغا ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ، شۇنداقلا مازۇتقا قارىتا ئۆلچەم« ۋە »تاشيول بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك سانائەت مىنىستىرلىقى سودا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋىكتور. سېمېنوۋ »ھازىرقى زامان زىمۇرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى خەلقئارالىق يىغىنى« دا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى يېمەكلىك ئوراپ قاچىلاش بىخەتەرلىكىگە ئائىت تېخنىكىلىق قانۇن - نىزاملارنى ماقۇللىدى، پات ئارىدا 14 دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان تېخنىكىلىق قانۇن - نىزاملارنى ماقۇللايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ماركىسى بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاشلىق، مېۋە شەربىتى، مايلىق مەھسۇلاتلار، سۈت ۋە سۈتتىن ياسالغان مەھسۇلاتلار، گۆش تۈرىدىكىلەر ۋە گۆشتىن ياسالغان مەھسۇلاتلار، بېلىق ۋە بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى، تاماكا قاتارلىق 10 تۈرلۈك تاۋارغا چېتىلىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇندىن كېيىن يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، پۇراقلىق ماتېرىياللار ۋە تېخنىكىلىق ياردەم، ھاراق تۈرىدىكىلەر ۋە ئالاھىدە ياساش، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يەم - خەشەك ۋە يەم - خەشەككە قوشۇلىدىغان ماددا، شۇنداقلا ئوغۇت بىخەتەرلىكىگە قارىتا تېخنىكىلىق قانۇن - نىزاملار كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كېلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ