تاجىكىستان پارلامېنتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قانۇنى لايىھەسىنى تۈزدى. مەزكۇر قانۇن تاجىكىستان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر. بۇ ساھەدە ھەل قىلىنىدىغان ئاساسلىق مەسىلە <توك باھاسىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈرمۇ؟>، <توك باھا سىياسىتىنى كىم بېكىتىدۇ؟>دېگەندىن ئىبارەت.
يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە، توك باھاسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا تاجىكىستاندا ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان ئۆتكۈر مەسىلە بولۇپ قالدى. تاجىكىستاننىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى توك باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشتا ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. لېكىن تاجىكىستان ھۆكۈمىتى بولسا خەلق قارشى ئالمايدىغان بۇ خىل چارە - تەدبىرنى قوللىنىشنى رەت قىلىپ كەلدى.
يېقىندا، تاجىكىستان پارلامېنتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قانۇنى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ماددىلار ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا تاقىلىپلا قالماستىن، يەنە توك باھاسى سىياسىتىگىمۇ چېتىلىدۇ. قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت ئىچىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش ۋە توك ئىشلىتىش باھالىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىمەستىن، ھەقىقىي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بېكىتىشى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپ <توك باھاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكمۇ ياكى دەسلەپكى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ؟> دىن ئىبارەت بولماقتا.
يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، تاجىكىستاندىكى توك باھاسى ئاز دېگەندە 5 قېتىم ئۆستى. نۆۋەتتە، ئاھالىلار ئىشلىتىدىغان توكنىڭ ھەر ۋاتىنىڭ باھاسى 9 دىرام بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 2 سېنتقا باراۋەر. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە دۆلەتلەر ئىچىدە بۇ باھا سەۋىيەسىنى ئەڭ تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر رۇسىيەنىڭ توك باھاسى تاجىكىستاننىڭ 3 ھەسسىسىگە، مولدوۋانىڭ 6 ھەسسىسىگە باراۋەركەن.
تاجىكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى ئېنېرگىيە سىياسىتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇرماخمات خولنازاروۋ مۇنداق دېدى: »تاجىكىستاندا توك باھاسى تۆۋەن بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن. قوشنا دۆلەتلەردە بولسا ھەربىر ۋات توكنى تارقىتىش ئۈچۈن تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى بەلگىلىك مىقداردىكى تەبىئىي گازنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ«.
خولنازاروۋنىڭ ئېيتىشىچە، تاجىكىستان ئاھالىلىرى ۋە توك ئىشلەتكۈچى كارخانىلار نۆۋەتتىكى توك باھاسىدىن مەمنۇنكەن. ئەمما ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسى تەڭ قىسلىقتا قېلىۋېتىپتۇ. يەنى بىر تەرەپتىن، توك باھاسىنى ئۆستۈرگەندە ئۇلارنىڭ كارخانا ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن ماددىي ئاساس يارىتىلىدىكەن، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، ئاھالىلار ۋە توك ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلالىشىمۇ بىر مەسىلىكەن.
تاجىكىستاندا توك باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى بىر قىسىم كىشىلەر قوللىسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. تاجىكىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى گېئورگى پېتىروۋ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ دۇنياۋى ئوتتۇرىچە باھا بويىچە توك باھاسىنى بېكىتىشىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: »باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، توك باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا سودا پائالىيەتلىرى شۇنچە جانلىنىدىكەن، ئىقتىسادىي ئەھۋالمۇ ياخشىلىنىدىكەن. ئىشىنىمەنكى، توك باھاسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، تاجىكىستاننىڭ سودا ئىشلىرىدىمۇ گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ«.
پېتىروۋ يەنە مۇنداق دېدى: توك باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن بازار ئىستېمالىنى قوزغىتىش تەدبىرىنى قوللىنىش زۆرۈر. ئۇ يەنە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: نامرات ئاھالىلارغا نىسبەتەن ھازىرقى توك باھاسى سەۋىيەسىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ؛ ئىنتايىن نامرات ئاھالىلارنىڭ توك پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ؛ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئابونتلارغا بولسا يېڭىدىن تەڭشەلگەن باھا بويىچە توك تەمىنلەپ بېرىلىدۇ، چۈنكى تۆۋەن توك باھاسى ئۇلارنى قالاق ۋە رىقابەت كۈچى بولمىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، تۆۋەن توك باھاسى مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ھەربىر ۋات توكنىڭ باھاسى 2 سېنت بولسا، ئۇ ھالدا قايسى مەبلەغ سالغۇچى دۆلىتىمىزگە كېلىپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا ۋە توك يوللاش لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ؟
ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى فېرۇز سايدوۋ توك باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئەلۋەتتە ئاھالىلار ۋە توك ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ توك ھەققى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىيالايدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ پۇلنى نەدىن تاپىدۇ؟ كىم ئۇلارغا بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى بېرىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا جەھەتلەردىكى چىقىمنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنى تەرەققىيات دېگىلى بولمايدۇ«.
تاجىكىستان پارلامېنتى نۆۋەتتە مۇزاكىرە قىلىۋاتقىنى توك باھاسى سەۋىيەسى مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قايسى ئورۇن توك باھاسىنى بېكىتىش مەسىلىسىمۇ بار. بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. تاجىكىستان سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شوب شابدوروۋ مۇنداق دېدى: ‹ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆز خاھىشى بويىچە توك تارقاتسا ۋە ئۇنى ئابونتلارغا سېتىپ بەرسە بولمايدۇ. كۆپلىگەن دۆلەتلەر توك ۋە پار تەمىنلەش ھەققى مەسىلىسىنى مەسئۇل بولۇپ تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس كومىتېتنى تەسىس قىلدى. تاجىكىستانمۇ بۇ چارىنى ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ›.
تاجىكىستاننىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق توك باھاسىنى ئۆستۈرگەن ۋاقتى 2010 - يىلى بولۇپ، 2011 - يىلى 1 - ئايدا »ۋاركى تودژىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ توك باھاسىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپى ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەت قىلىندى