قاداقنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

0 2012-08-29 12:03:38   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1.يېڭى دۇفۇدىن كىچىك بىر پارچە كېسىۋېلىپ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇت ياكى قولدىكى قاداق چىققان ئورۇننى پاكىزە يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، تەييارلانغان دۇفۇ پارچىسىنى قاداقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن تېڭىپ 3-5 كۈن داۋاملاشتۇرسا، قاداق ئۈزۈل - كېسىل ساقىيىپ كېتىدۇ.
      2. بىر دانە ئابدىمىلىكنىڭ ئۇرۇقىنى پىشۇرۇپ ئېزىپ توقاچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كۈنىگە بىر قېتىم قاداقنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ تېڭىپ ئۇدا بەش كۈن داۋاملاشتۇرسا، قاداق ئۈزۈل - كېسىل ساقىيىپ كېتىدۇ.
      3.پىشمىغان ئەنجۈر مېۋىسىنى تازىلاپ قاداققا چاپلاشنى كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا بىرنەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا، قاداقنى داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
      4.بانان شۆپىكىنىڭ ئىچ تەرىپىنى ھەر كۈنى قاداققا بىرنەچچە قېتىم سۈركەپ بەرسە،3-5 كۈندە قاداقنى تەلتۆكۈس ساقايتقىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر