شىنخۇا ئاگېنتلىقى،گازا،12-ئاۋغۇسىت تېلىگىراممىسى:
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس 12-ئاۋغۇست مىسىر ھۆكۈمىتىدىن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش سەۋەبىدىن ئېتىلىپ قالغان رافا چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن ئىككى تەرەپكە ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
گازا رايونىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان خاماس شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گازا رايونىدىكى بىردىنبىر ئىسرائىلىيە كونتىرول قىلمايدىغان چېگرا ئېغىزى نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى دېدى، بۇ پەلەستىندىكى سىرتقا چىقىپ داۋالىنىشقا، ئوقۇشقا ۋە سودا قىلىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز رافا چېگرا ئېغىزىنى داۋاملىق تاقاپ قويۇشنىڭ ئاساسى يوق دەپ قارايمىز.
5-ئاۋغۇست، مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالى بىلەن گازا رايونى چېگرىداش جايدىكى رافا چېگرا ئېغىزىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 16 ئەسكەر قازا قىلغان، 7 كىشى يارىلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى رافا چېگرا ئېغىزىنى مۇددەتسىز تاقاشنى جاكارلىغان. ھازىرغىچە، گازا رايونىدىكى مىسىرغا بارىدىغان يولنى ئېچىپ باقمىدى.
چۇڭچىڭدىكى بۇلاڭچى قاتىل جۇكىخۇا ساقچىلار تەرپىدىن ئېتىپ ئ...
كىچىك قىزغا 18 قېتىم جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان گىرمانىيە ...
ئايالىنى ئاجرىشىش كىلىشمىسىگە ئىمزا قويغۇزۇش ئۈچۈن ئەر ئۆل...
كورىيە پۇتبول ماھىرى ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ چىشىغا تىگىپ قوي...
ئامېرىكا باشقۇرۇلدىغان بومبىنى قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن يا...
فىللىپىندا بىر جۈچ ياش كەلكۈن سۈيىدە تۇرۇپ توي مۇراسىمى ئۆت...
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكل...
سۇمالىدا تېرورچىلار ئۆسمۈر بالىلارنى باغلاپ ئۆزىنى قوشۇپ پ...