ئايالىنى ئاجرىشىش كىلىشمىسىگە ئىمزا قويغۇزۇش ئۈچۈن ئەر ئۆلىۋالىمەن دەپ تەھتىد سالدى

02012-08-14 12:10:54   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

خەلقئارا ئاخبارات لىنيسى:

2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەر ئەتراپىدا ، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيسىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايۇندا مۇنداق بىر غەلىتە ئىش يۈز بەردى ؛ 20 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئەر ئايالىنى ئاجرىشىشى كىلىشمىسىگە ئىمزا قويغۇزۇش ئۈچۈن ، 3- قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ، بىنادىن سەكرەيمەن دەپ تەھتىد سالغان .

   ئەتراپىدىكى خوشنىلار بۇ ئەھۋالغا قارىتا مەھەلە قوغداش خادىملىرىنى چاقىرىپ كەلگەن ، بۇ خادىملارنىڭ ئىگىلىشىچە ، بۇ ئەر ئايالىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئارازلىشىپ قالغان بولۇپ ، ھەمدە ئايالىنى ئاجرىشىش كىلىشمىسىگە ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ، بولمىسا بىنادىن سەكرەيدىغانلىقىنى دىگەن .