ئارافاتنىڭ ئايالى سۇخا سوتقا ئەرىز قىلدى

0 2012-08-01 15:18:04   شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   پەلەستىن مىللەت ھۇقۇقى ئورگىنىنىڭ ئۈلۈپ كەتكەن سابىق رەئىسى ياشىر ئارافاتنىڭ ئايالى سۇخا بىلەن قىزى جاخېۋا 31-چىسلا فېرانسىيە دۆلەتلىك ئەڭ ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئارافاتنىڭ ئۈلۈپ كىتىشگە سەۋەب بولغان جىنايەتچىنى قانۇنى جازاغا ئېلىش توغرىسىدا ئەرىز سۇنغان.

  سۇخا بۇ يىل 49ياش بۇلۇپ فېرانسىيەدە ماچىتا بىلەن بىرگە تۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئادۇۋكاتى پىئىر 31-چىسلا سۇخانىڭ ئاللىقاچان سوتقا ئەرىز سۇنۇپ بولغانلىقنى دېدى،ئۇ يەنە بۇ ئەرىزنامە ھەر قانداق بىر دۆلەت ،تەشكىلات ۋە ئادەمگە قارىتىلغان ئەمەس،سۇخا بىلەن جاخېۋا پەقەت ھەقىقى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ چىقىپ يولدىشى ۋە دادىسى ئۈچۈن ھەقىقەتنى ياقىلىماقچى دېدى.

   ئارافات 2004-يىلى فېرانسىيەدىكى بىر دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈلۈم سەۋەبى ئىزچىل سىر بۇلۇپ كەلگەن ئىدى،قاتار يېرىم ئارال تېلۋېزىيە ئىستانسى يېقىندا تارقاتقان بىر سىن لىنتىسىدە ئارافات ئۈلۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە رادىئاتسىيەلىك ماددىلارنىڭ قۇيۇلغانلىقىنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرىشى ئارقىلىق بۇ ماددىلارنىڭ يۇقىرى رادىئاتسىيەلىك ئېلمىنىت پولونىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقى دېيىلگەن شۇنىڭ بىلەن ئارافاتنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى گۇمانى قوزغالغان.

  سۇخا "فېجارو گېزىتى"نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا :مىنىڭ بۇ ھەركىتىم پەقەت شەخسى ئىش ئۈچۈن يەنى ئائىلەم ئۈچۈن ،ھەقىقى ئەھۋالنى تەكشۈرۈش بىر ئايال بۇلۇش ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بىلەن مىنىڭ بۇرچۇم.بۇنىڭ ئارقىسىدا ھېچقانداق سىياسى ئارقا كۆرىنىش يوق،قىزىمنىڭ دادىسىنىڭ ئۈلۈم سەۋەبىنى بىلىش ھۇقۇقى بار دېدى،ئۇنىڭ خەلقىنىڭمۇ بىلىش ھۇقۇقى بار.دېدى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博