چۇڭچىڭدىكى بۇلاڭچى قاتىل جۇكىخۇا ساقچىلار تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۇرۇلدى

02012-08-15 09:20:38   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جوڭشىن تورنىڭ خەۋرىگە قارغاندا چوڭچىڭدىكى قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىدىكى جىنايەت گىۇماندارى جۇكىخۇا بۇگۇن ئەتىگەن ساقچىلار تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۇرۇلگەن ،

 10-چىسلا چوڭدىڭدىكى بىر جوڭگۇ بانكىسىنىڭ ئالدىدا قۇراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۇرۇش ۋەقەسى  يۇز بەرگەن ،چۇشتىن كىيىن چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئېدارىسى جىنايەت گۇماندارى جۇكىخۇاغا ئائىت ئۇچۇرنى ئاشكارلىغان .2004-يىلدىن بۇيان جىنايەت گۇماندارى جۇكىخۇا جىياڭسۇ،خۇنەن،چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا كۆپ قىتىم ئەنزە سادىر قىلىپ ئادەم ئۆلتۇرگەن ۋە زەخمىلەندۇرگەن .

  جۇكىخۇا 8يىل ئۇزۇلدۇرمەي ئەنزە تۇغدۇرغان .

  2004-يىلى4-ئاينىڭ 22-كۇنى ئورنى چۇڭچىڭ شەھىرى جىياڭبىي رايۇنىدا چۇڭچىڭدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ كاسسىرى ۋە بۇغالتىرى بانكىدىن پۇل ئېلىپ چىققاندىن كىيىن بۇلانغان ،جىنايەت گۇماندارى بىر ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۇرۇپ بىرسىنى يارلاندۇرغان .70مىڭ يۇۋەننى بۇلاپ كەتكەن .

  2005-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۇنى چۇڭچىڭ شەھەردە بانكىدىن پۇل ئېلىپ چىققاندا بوي ئېگىزلىكى 1مىتىر 70سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى 2ئەر بىركالاگۇشى ئۇگرىخانىسىدىن چىقىپ ئەر ئايالغا قارتىپ ئوق چىقارغان ،شۇنداقلا سۇمكىنى بۇلاپ قاچقان ،ئوق ئاۋازى يولدىن ئۆتكەن ئەرنى چۇچۇتۇپ قويغان شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قارتىپ ئوق چىقىرىپ 2ئادەمنىڭ ئۇلۇشنى بىر ئادەمنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان .

2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19كۇنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك گاۋشىنچۈ رايۇنىدا بىر قاراۋۇللۇقتا تۇرۋاتقان قاراۋۇلغا ئوق چىقىرىپ ئۇنى ئۆلتۇرۇپ  قۇرال بۇلىغان .ئەنزە يۇزبەرگندىن كىيىن ساقچى تەرەپ بۇنى تېرورلۇققا زەربە بىرىش تىزىملىكىگە كىرگۇزۇپ مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ تەكشۇرگەن لىكىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ يىپ ئۇچى ئۇزۇلگەن .پەقەت بۇيىل 8-ئاينىڭ 10 -كۇنىدىكى چۇڭچىڭدىكى قۇراللىق بۇلاڭچىلىقتىن كىيىن  جىنايەت گۇماندارى جۇكىخۇانىڭ قاراۋۇلنى ئۆلتۇرگەن جىنايەت گۇماندارى ئېكەنلىكى مۇقۇملاشتۇرۇلغان .

    2009-يىلى 10-ئاينىڭ 14كۇنى چاڭشاشەھەرلىك تىيەنشۇن رايۇنىدىكى باغچىدا بىرقىتىملىق قۇراللىق بۇلاڭچىلىق يۇز بەرگەن .جىنايەت گۇماندارى ئۈزى ياسىغان قۇرال بىلەن لىxنى ئېتىپ ئۆلتۇرۇپ قېچىپ كەتكەن .ۋەقە يەز بەرگەن ئورۇن باغچىدىكى قارا ئۆڭكۇر دەپ ئاتىلىدىغان تاغ باغرى ،باغچىدىكى تېلىكامىرادىن كۆرسىتىلىشچە لىxچۇشتىن كىيىن 1دىن 35ئۆتكەندە باغچىغا كىرگەن ،1دىن 55ئۆتكەندە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان .ساقچىلارنىڭ ئانالىز قىلىشچە جىنايەت گۇماندارى بۇيەردە قۇرال ئېتىشنى مەشىق قىلۋاتقاندا سالقىنداپ يۇرگەن لىxتەرپىدىن بايقاپ قىلىنىغان ،شۇنىڭ بىلەن جىنايەت گۇماندارى ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۇرگەن .

         2009 -يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۇنى چاڭشا تىيەنشۇن رايۇنىدا بىر قىتىملىق قۇراللىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى يۇز بەرگەن ،زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى بانكىدىن پۇلنى ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا ئولتۇردىغان ۋاقىتتا ئېتىپ ئۆلتۇرۇلۇپ  45مىڭ يۇۋەن بۇلاپ كىتىلگەن .زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى نەخ مەيداندا ئۆلگەن .جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتكەن .

   2010-يىلى 10-ئاينىڭ 25كۇنى چاڭشادا بىر قېتىملىق قۇرالىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى يۇزبەرگەن ،شۇكۇنى ،بىر سودا شركىتىىنىڭ مەسئۇل خادىمى قۇراللىق ئېتىپ ئۆلتۇرۇلگەن جىنايەت گۇماندارى نەخ مەيداندىن قېچىپ كەتكەن .ساقچىلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە بۇ ئەنزە سادېر قىلىش ئۇسۇلى  2009-يىلدىكى قۇراللىق بۇلاڭچىلىق بىلەن ئۇخشۇشۇپ كىتىدىكەن ،

     2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۇنى چاڭشا تىيەنشۇن رايۇنى يەنى چاڭشا شەھەر رايۇنى جەنۇبى خېيلى يۇلىدىكى بىر قۇرلۇش رايۇنىغا يىقىن ئورۇندا قۇراللىق بۇلاڭچىلىق يۇز بەرگەن .48ياشلىق ئاپتۇموبىل زاپچاسلىرى سودىسى قىلدىغان جاڭ ئەپەندى ئۇزىنىڭ لىكساس ئاپتۇموبىلنىڭ قىشىدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچىرغان ،ئۇنىڭ بەل ۋە باش قىسمى يارلانغان .

   2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۇنى نەنجىڭ شىياگۇن رايۇنى .

   جىياڭسۇ نەنجىڭ شەھىرى خېيەنيۇلدىكى يېزا ئېگلىك بانكىسى سېرتىدا قۇراللىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى يۇز بەرەگەن .بىر ئادەم قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان .