ئامېرىكىلىق ئەر يۈتۈپ كەتكەن ئاپتوموبىلىنى 42يىلدىن كىيىن تېپىۋالدى

0 2012-07-13 12:34:17   خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئامېرىكا ABCnews نىڭ 12 - ئىيول خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدا Bob Russell  ئىسىملىك بىر ئەر 42 يىل بۇرۇن ئەنگلىيە ياسىغان قوش كىشىلىك ئۈستى ئۇچۇق پاسوندىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى Austin-Healey نى يېقىندا تېپىۋالدى ؛

     42 يىلدىن بۇرۇن ، Bob Russell بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى ؛ بىركۈنى ئۇ ھازىرقى ئايالى بىلەن كۆرۈشۈشكە چىققاندا ، ئاپتوموبىلىنى باشقىلار ئوغرىلاپ كەتكەن ؛ 42 يىلدىن بۇيان ئەر - ئايال ئىككەيلەن پىكاپنى ئىزدەشنى توختاپ قالمىغان ؛ بىراق ئارماندا چۇشلۇق دەرمان يوق دىگەندەك ئاپتوموبىلىنى تاپالمىغان ؛

   Bob Russell نى ئەڭ خوشال قىلىدىغانى ئۇ ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق ئاپتوموبىلىنى eBay تورىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى باھاسىنىڭ 19 مىڭ 700 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكى كۆرۈپ ھەيران قالدى ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنى تۇنىۋالدى ؛ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى كود نۇمۇرى بىلەن كىم ئارتۇق قىلىش ئالدىدا تۇرغان Austin-Healey  ئاپتوموبىلىنىڭ ئوخشاش چىقتى ؛

   لوس ئانژىلىس ساقچى ئىدارىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئاشكارلانمىغان بۇ دىلونىڭ ئاخىرى قويرۇقىنى كەستى ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博