بەييىن شەھىرى جىڭ يۈەنلىك ئەر دۇەن شىڭ لىن قوشنىسى ۋىي مودىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋىي مونىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كېتىپ ،چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا 18 يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قانات يايدۇرغان ‹‹ تور تازىلاش ›› ھەرىكىتىدە قولغا چۈشكەن. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنى بەييۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دۇەن شىڭ لىننى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلدى.
دۇەن شىڭ لىن 1962-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن قوشنىسى ۋىي مو خىزمەتداش ۋە ناھايىتى يېقىن دوست بولۇپ، بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارماي دۇەن شىڭ لىننىڭ دادىسى بىر قېتىم ھاراقنى كۆپ ئېچىۋېلىپ قوشنىسى ۋىي مونىڭ قىزىغا پەسكەشلىك قىلغاچقا جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان. بۇ ئىش دۇەن شىڭ لىننىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر قىلغاچقا ئۇ كۆڭلىدە ۋىي جەمەتىدىن قىساس ئالماقچى بولغان. دۇەن شىڭ لىن تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ جەمئىيەتتىكى قالايمىقان بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئوغرىلىققا ئۆگىنىپ قالغان.
1983-يىلى دۇەن شىڭ لىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ جازا مۇددىتىنى توشتۇرۇپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن توي قىلىپ بالىلىق بولغان. بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان دۇەن شىڭ لىن ۋىي جەمەتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى قەتئىي تونۇتمىغان. ئەكسىچە كۈندىن-كۈنگە ۋىي جەمەتىگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن.
1994-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدە دۇەن شىڭ لىن ھاراق ئېچىپ مەست قايتىپ كەلگەن.دۇەن شىڭ لىننىڭ ئايالى ئۇنى داۋاملىق ھاراق ئېچىپ ئۆيگە كۆڭۈل بۆلمەيسەن دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالغان. ئاچچىقتىن يىرىلىپ كېتەي دېگەن دۇەن شىڭ لىن بارلىق ئازابىنى ئويلاپ ئەقلىنى يوقىتىپ پىچاق كۆتۈرۈپ ۋىي ئائىلىسىگە كىرگەن. بۇ ۋاقىتتا ۋىي مونىڭ ئۆيىدە 90 ياشلىق لىي خۇا ،16 ياشلىق ۋىي شياۋ خۇي ۋە ۋىي مونىڭ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن نەۋرىسى بار ئىدى. دۇەن شىڭ لىن ئاۋۋال ئاشخانىغا بۆسۈپ چەيدو بىلەن كاڭ ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان 90 ياشلىق موماي بىلەن ئىككى بالىنى چانىۋەتكەن. ئاشخانا ئۆيدىكى ئاۋازنى ئاڭلىغان ئۆي ئىگىسى شۈ شيۇ يىڭ ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىققان. ئۇ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي تۇرغاندا ،ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىققان دۇەن شىڭ لىن ئۇنى چانىۋەتكەن. دەل شۇ كۈنى كەچتە شۈ شيۇ يىڭنىڭ تويغا تەييارلىق قىلىۋاتقان قوشنىسى ھويلىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلاپ تويغا كەلگەنلەر بىلەن بىرگە ھويلىغا كىرگەندە دۇەن شىڭ لىننىڭ ۋەھشىيلەرچە ئادەم چانىغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان. دۇەن شىڭ لىن ئۇلارنى كۆرۈپ دەرھال تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ كەتكەن.
كۆپچىلىك ئاشخانىغا كىرگەندە قانغا مىلىنىپ ياتقان لىي خۇانى كۆرگەن. دۇەن شىڭ لىن لىي خۇانىڭ بېشىنى بەك چانىۋەتكەچكە نەق مەيداندا ئۆلۈپ قالغان.ۋىي شياۋ خۇينىڭ باش قىسمى ئېغىر يارىلانغان. چەيدو ئۇنىڭ باش سۆڭەك پەردىسىگە تەگكەچكە دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ۋىي مونىڭ ئىككى ياشلىق نەۋرىسىنىڭ باش سۆڭىكى سۇنغان. شۈ شيۇ يىڭنىڭ يۈز قىسمى، مۆرە قىسىمنىڭ تېرىسى زەخىملەنگەن، باش سۆڭىكى بىلەن قول سۆڭىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سۇنۇپ ئېغىر يارىلانغان.
دۇەن شىڭ مو دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن كېچىلەپ قېچىپ ئاۋۋال ئىچكى موڭغۇلغا، ئاندىن شىنجاڭ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1995-يىلى دۇەن شىڭ لىن چىڭخەي ئۆلكىسىدە جياڭ مو بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە ئۆزىنى يېتىم بالا دەپ تونۇشتۇرۇپ ئىسمىنى خوۋ ۋىن رىنغا ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان. 2011-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئالتە ئايلىق ‹‹تور تازىلاش ›› مەخسۇس ھەرىكىتى ئىلىپ بارغاندا،چىڭخەيدە دۇەن شىڭ لىننى قولغا چۈشۈرگەن.