ۋۇباڭگو كرودىيىدە زىيارەتتە بولدى

02012-05-18 12:23:10   شىنخۇا تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى
شىنخۇا تورى زاگرېب 17-ماي تېلېگراممىسى كرودىيە پارلامېنت باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەمىلكەتلىك خەلق قورۇلتىيى دائىمىىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى ۋۇباڭگو 17-ماي كرودىيە پايتەختى زاگرېبقا يېتىپ بېرىپ، كرودىيىگە قىلغان رەسمىي دوستانە زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.
      شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6دە، كومىتېت باشلىقى ۋۇباڭگو ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان زاگرېب ئايرودرومىغا قوندى. ئايرودرومدا جۇڭگو-كرودىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بايرىقى لەپىلدىدى. جۇڭگونىڭ كرودىيىدى تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شېن جىفېي ۋە كرودىيە تەرەپ ئالى ئەمەلدارلىرى ئايرودرومغا قارشى ئېلىشقا چىقتى. كومىتېت باشلىقى ۋۇباڭگو ۋە خانىمى جاڭ رۇيجىن، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى لى جىيەنگو قوشۇمچە باش كاتىپ ئايروپىلان ئالدىدا كۈتۈۋېلىشقا چىققان كرودىيە پارلامېنت باشلىقى، بىرىنچى قول مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى، كرودىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىق ئالى  ئەمەلدارلار بىلەن سەمىمى قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە سالاملاشتى. كرودىيە پارلامېنت باشلىقى شۇ يەرنىڭ قائىدىسى بويىچە جاڭ رۈيجىن خانىمغا گۈل سوۋغا قىلدى.
      ۋۇباڭگو ئايرودرومدا يازمىچە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:جۇڭگو-كرودىيە ئەنئەنىۋى دوست ئەللەر، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق تارىخى ئۇزۇن. دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان 20يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇڭۇشلۇق بولدى، 2005-يىلى ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، 2009-يىلى رەئىس خۇجىنتاۋ كرودىيىدە مۇۋەپىقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ،  ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ كرودىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كرودىيىنى جۇڭگونىڭ شەرقى جەنۇبى ياۋروپا رايونىدىكى ئىشىنىشكە بولىدىغان ياخشى دوستى ۋە ياخشى شېرىكى دەپ قارايدۇ، كرودىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان 20يىلنى ئاچقۇچ قىلىپ، داۋاملىق تۈردە ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەرلىكتە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، جۇڭگو-كرودىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
زىيارەت مەزگىلىدە، ۋۇباڭگو كرودىيە پرېزىدېنتى، باش مىنىستىرى ۋە پارلامېنت باشلىقى قاتارلىق كرودىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، پارلامېنت ئالاقىسى ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو-كرودىيە دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقانلىقىنىڭ 20يىللىقىنى كۆتۈۋىلىش يىغىنى ۋە زاگرېب ئونۋېرسىتېتىدىكى كۇڭزى ئىنىستىتوتىنىڭ يۇپۇق ئىچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە كرودىيىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى.
     ۋۇباڭگو گوللاندىيىگە قىلغان زىيارىتىنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شۇ يەر ۋاقتى 17-ماي چۈشتىن كېيىن ئامىستېردامدىن ئايرىلدى. ئامىستېردامدىن ئايرىلىدىغان چاغدا،  گوللاندىيىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىق گوللاندىيە تەرەپنىڭ ئالى ئەمەلدارلىرى، جۇڭگونىڭ گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە خىزمەتچى خادىملار ئايرودرومغا ئۇزىتىشقا كەلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر