پۇتى يوغىناپ پىلنىڭ پۇتىغا ئوخشاپ قالغان بالا

0 2012-05-17 11:07:23   news.ifeng.com   admin
T|T:خەت رەزمىرى

ئۇگاندادىكى 10 ياشلىق ۋىنسېنت دېگەن ئوغۇل بالا ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئىششىپ پىلنىڭ پۇتىغا ئوخشاش يوغىناپ كەتكەن. دوختۇرنىڭ پەرەز قىلىشىچە بالا تۇغما لىمفا ھۈجەيرىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

بۇ ئوغۇل بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى بۇ مەسىلىنى بايقىغان. لېكىن قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن دوختۇرغا كۆرسىتەلمىگەن، ۋىنسېنتنىڭ كۈندىن -كۈنگە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ پۇتىمۇ كۈنسېرى يوغىنىغان، ھازىر ئۇ ماڭالمايدۇ، پەقەت تەسلىكتە ئۆمىلىيەلەيدۇ. ئۇ ئامالسىز قىزلارنىڭ كۆينىكىنى كىيىۋالغان، چۈنكى ئۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك ئىشتان يوق ئىدى.

ئۇگاندادىكى دوختۇر ئىساك ئوسىر ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى ناھايىتى خالايدىكەن، ۋىنسېنت ئەمدى سېرىق ئەت ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. دوختۇر ئەنگىلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردەملىشىپ بۇ كېسەلنى داۋالاپ قويۇشىنى، بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر