شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تۈنۈگۈن كەچ،بىر ئامېرىكىلىق يىگىتنىڭ ئالدى ئىشىكتە باشقىلار تەرىپىدىن قىڭراق بىلەن چېپىپ يارىلىنىپ،ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈنۈگۈن سائەت 15 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە،شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 110 مەلۇم قىلىش مۇلازىمەت ئورنى ئامما مەلۇم قىلغان بىر چەتئەللىك يىگىت ئالدى ئىشىك ساياھەتچىلىك يىغىش -تارقىتىش بازىرى مەركىزى ئىشىكى ئالدىدا،بىر يىگىت تەرىپىدىن قىڭراق تىقىپ ساغرىسىنى يارىلاندۇرغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تېزدىن قامال قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ساقچىلارنى جىنايەت گۇماندارنى تۇتۇشقا تەشكىللىدى. سائەت 16 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە،ئالدى ئىشىك بىناسى جەنۇبىي تەرەپتە جىنايەت گۇماندار قولغا چۈشتى.دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنىڭ ۋاڭ تەيسۈن،ئەر،61 ياش،شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنتەي شەھىرىدىن بولۇپ،ئۆزىنىڭ دەۋا تەلىپى ئۈچۈن بېيجىڭدىن كېلىپ،تەسىر پەيدا قىلىش ئۈچۈنچەتئەللىكنى يارىلاندۇرغانلىقى ئېنىقلاندى. يارىلانغۇچى بولسا ئامېرىكىلىق سودىگەر بولۇپ دوختۇرخانىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ داۋالاندى.نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ دېلو ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ.