ۋۇ باڭگو گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇت بىلەن كۆرۈشتى

02012-05-17 10:55:11   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى    admin
T|T:خەت رەزمىرى

گوللاندىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 15-ماي گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇت بىلەن كۆرۈشتى.

ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو گوللاندىيەنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ، گوللاندىيەنىڭ بىرلا جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

ۋۇ باڭگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى كەڭ. بىز، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭغا قارىتا ۋۇ باڭگو تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىساق. 2. سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى پائال كېڭەيتسەك. 3. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىساق.

مارك رۇت مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت گوللاندىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، گوللاندىيە بىرلا جۇڭگو بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە بۇنى جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسىي قىلىدۇ. باراۋەر بولۇش ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا گوللاندىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئىقتىساد-سودا ، مەدەنىيەت، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى، تۈرلۈك شەكىللەردىكى سودا ھامىيلىچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنى، ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گوللاندىيەگە مەبلەغ سېلىشنى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ گوللاندىيەگە ساياھەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

ۋۇ باڭگو جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو دېپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى دەپ قاراپ كەلمەكتە ھەمدە ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى قوللاپ كەلدى، گوللاندىيە ياۋرو ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەت، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىچە رول ئويناپ كەلدى. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە كېڭىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشىنى خالايدۇ.

مارك رۇت مۇنداق دېدى: گوللاندىيە ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن پوزىتسىيەسى بىلەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن،ياخشى شارائىت يارىتىشنى خالايدۇ.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر