يېمەكلىك خۇرۇچىغا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىش كېرەك

0 2012-05-17 10:52:13   شىنجفڭ گېزىتى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

  مېلامىن ۋەقەسىدىن باشلاپ يېقىنقى مەزگىلدىكى «سانائەت يار يېلىمى قوشۇلغان قېتىق» ۋەقەسىگىچە يېمەكلىك خۇرۇچى مەسىلىسى پۇقرالارنىڭ ئەسلىدىنلا سەزگۈر، نازۇك نېرۋىسىغا قايتا - قايتا تەسىر قىلدى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىمۇ كۆپچىلىك بەس - مۇنازىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  يېقىندا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي باغچە ئەتراپىدىكى يېمەكلىك خۇرۇچى ساتىدىغان ئون نەچچە دۇكاننى زىيارەت قىلىپ، مېۋە تەملىك ئىچىملىك، كوكاكولا، شۆبى قاتارلىق كۆپ ئىچىلىدىغان ئون نەچچە خىل ئىچىملىكنىڭ مېۋە شىرنىسىنى سۇيۇلدۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغانلىقىنى، مەرۋايىت ئەتكەن چايغا سۈت قوشۇلمايدىغانلىقىنى، سۈت جەۋھىرى دەيدىغان خۇرۇچ بىلەنلا ئېتىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. يەنە بىر يېمەكلىك خۇرۇچى دۇكىنىدا، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن قاتارلىق خۇرۇچلاردىن باشقا، يەنە كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ گۆشىگە ئىشلىتىلىدىغان كۈنجۈت يېغى، كاۋاپقا ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىق تەم كىرگۈزگۈچ، گۈرۈچ ئۇنى تامىقىنىڭ خۇشپۇرىقى ۋە ئاچچىق تەمىنى كۈچەيتىدىغان ئالاھىدە قىيام، مانتا، تۈگۈر قىيمىسىغا سېلىنىدىغان خۇشپۇراق تالقان، تۇزلانغان گۆشكە ئىشلىتىلىدىغان گۆش يۇمشىتىش جەۋھىرى، شورپىنىڭ تەمىنى ياخشىلايدىغان شورپا خۇرۇچى قاتارلىق نەچچە يۈز خىل يېمەكلىك خۇرۇچى بار ئىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھېسابلىشىغا قارىغاندا، پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان، بىر كىشىنىڭ كۈندە يەۋېتىدىغان يېمەكلىك خۇرۇچى 60 خىلدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جياڭ لۇڭ: ئەگەر خۇرۇچ بولمىسا بازاردا %80تىن ئارتۇق يېمەكلىك يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. يېمەكلىك خۇرۇچى زامانىۋى يېمەكلىك سانائىتىنىڭ جېنى دەپ تەرىپلەنمەكتە، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېمەكلىكنىڭ تەمى، خۇسۇسىيىتى، شەكلىنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاش ياكى ئۆستۈرۈش، يېمەكلىكنىڭ قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، «ئەگەر يېمەكلىك خۇرۇچى بولمىسا، ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولىدىغان، تەملىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، باھاسى نىسبەتەن مۇۋاپىق يېمەكلىكلەر بولمىغان بولاتتى»، دېدى.

  دۆلەت يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش ئۈچۈن، مەخسۇس يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى تۈزدى. جياڭ لۇڭ: «يېمەكلىك خۇرۇچىنى دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلغان ھالدا ئىشلەتكەندىلا، يېمەكلىكلەر بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ»، دېدى.

  جياڭ لۇڭ: كۆپچىلىكتە يېمەكلىك خۇرۇچىغا نىسبەتەن خاتا قاراش بار، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلار قانۇنسىز خۇرۇچ بىلەن يېمەكلىك خۇرۇچىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، كىشىلەرگە تونۇشلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى نورمال يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى قوشقانلىقتىن ئەمەس، بەلكى سۇدان قىزىلى، مېلامىن، سانائەت يار يېلىمى قاتارلىقلارنى قوشۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئەگەر ھەممە يېمەكلىك خۇرۇچىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، چەكلىگەندە، زامانىۋى تۇرمۇش چېكىنىپ كېتىشى مۇمكىن، تەبىئىي يېمەكلىكلەرگە خۇرۇچ قوشۇلمىغان بىلەن سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋە ئاشلىق بايلىقى ئىسراپچىلىقى ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ، دېدى.

  جياڭ لۇڭ يېمەكلىك تازىلىقى جەھەتتىكى مۇدىر ۋىراچ بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى مۇۋاپىق قوشۇش زىيانسىز بولسىمۇ، ئەمما بەدەننىڭ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئۇزاق مۇددەت، مەركەزلىك، كۆپ ۋە زىيادە قوبۇل قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى، ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى، رەڭگى ۋە ساقلىنىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇرۇچلار كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. تەييار چۆپ، بەرەڭگە قەلەمچىسى، پىچىنە، بولكا قاتارلىق پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. شارائىت يار بەرسە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئۆيدە تەييارلىسا بولىدۇ. يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، كۆرۈنۈشىگىلا قارىماي، پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ئىمكانقەدەر يېمەكلىك خۇرۇچى ئاز قوشۇلغانلىرىنى ياكى تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك.

  «ئاقارتىلغان ھورنان» ۋەقەسىنىڭ تەسىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا، «سانائەت ياريېلىمى قوشۇلغان قېتىق» ۋەقەسى يۈز بەردى، كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقان بۇ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېمەكلىك خۇرۇچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى ھازىر يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ «باش جىنايەتچىسى»گە ئايلاندى.

  مۇتەخەسسىسلەر: ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەر ۋاقىت يېمەكلىك خۇرۇچىدىن ئايرىلالمايمىز، ئەمما بەزى كارخانىلارنىڭ پايدىنى كۆزلەپ، قورقماي ئىنساپسىزلىق قىلىشى پۇقرالارنى راستىنلا قورقۇتۇپ قويدى، دېدى.

  ئالاقىدار تارماقلار يېمەكلىك خۇرۇچى مەسىلىسىدىن چۆچۈمەيۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ، ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى چىقىرىشتىكى مەقسەت كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك خۇرۇچىنى توغرا ئىشلىتىشى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر.

  يېمەكلىك خۇرۇچى ئەسلىدە گۇناھسىز، ئەمما ئۇنى تەرتىپسىز، مىقدارسىز ئىشلىتىش زەھەر سالغانلىق بىلەن باراۋەر.

  بىز يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئەخلاق قارىشىدا چىڭ تۇرۇشىنى، ھەممە ئىشنى كېيىن بىلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسىلە كۆرۈلگەندىلا قاتتىق باشقۇرماي، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەر ۋاقىت ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەخلاق بايرىقىنى ئېگىز تىكلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يوچۇقىنى ئېتىپ، قانۇنىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتكەندىلا، يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ داستىخان بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر