كۆپ سانلىق ئامېرىكىلىقنىڭ ئوبامانى قوللايدىغانلىقى ئايان بولدى

0 2012-05-17 10:50:57   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى    admin
T|T:خەت رەزمىرى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:15-ماي ئېلان قىلىنغان بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى ۋە گاللۇپ شىركىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، 56 پىرسەنت ئامېرىكىلىق ھازىرقى پىرېزىدېنت ئوباما بۇ يىل نويابىردىكى سايلامدا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، ئەمما 36 پىرسەنت ئامېرىكىلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان رىقابەتچى رۇمنىي غەلبە قىلىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن.

  بۇ ئەلرايىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، دېموكراتلار پارتىيىسىدىن 81 پىرسەنت كىشى ئوبامانىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ دەپ پەرەز قىلغان، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدە 68 پىرسەنت كىشى رۇمنىي سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

  گاللوپ شىركىتى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر ئوباما بىلەن رۇمنىينى قوللاش نىسبىتى ئانچە پەرقلەنمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە ھازىرقى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام ئەۋزەللىكى بار، يەنە كېلىپ ئەنئەنە بويىچە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى زور، دەپ قارىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر