جەمئىي 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان خەيئېر (ئۈرۈمچى) يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا سانائەت رايونى 9 - ماي ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ت−ەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا رەسمىي قۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ سانائەت رايونى خەيئېر گۇرۇھى غەربىي شىمال رايونىدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بىردىنبىر سانائەت رايونى بولۇپ، تۈرنىڭ پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيە بىلەن جىپسىلىشىشىنى بىر قېتىمدىلا ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد - سودا، ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىق بازىسىغا ئۆزگىرىشىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپىي بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ماھىيەتلىك تىرەك بولىدۇ، شۇنداقلا خەيئېرنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىستراتېگىيەسى، ئىلغار كارخانا مەدەنىيىتى، كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ كارخانا تەرەققىياتىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.