بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 15-ماي تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، سومالىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ۋاختىدا ئاياغلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ھەر ۋاقىت تەييارلىق ھالىتىدە ھەمدە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاۋغۇستتا توشقاندىن كېيىن سومالىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ، سومالىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئورۇنىدىغان ھەر قانداق ئىچكى ۋە تاشقى ئامىل ۋە تەشكىلاتقا قارشى تۇرىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى سومالى خەلقىنىڭ سومالىنىڭ سىياسىي مۇساپىسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، سومالىنىڭ تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ مۇقىم يۆنىلىشكە بۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
سومالى 1991-يىلىدىن بۇيان ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى، 2004-يىلى قۇرۇلغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، مۇقدىشودىكى كونترول دائىرىسى پەقەت پىرېزىدېنت مەھكىمىسى، ئايرودروم ۋە پورت قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. سومالى بۇ يىل پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاۋغۇستتا توشىدۇ.