برازىلىيە سان پاۋلو شەھىرى 3-نومورلۇق مېترو لىنىيسدە 16-ماي چۈشتىن بۇرۇن، سائەت توققۇزدىن 50 مىنوت ئەتراپىدا، مېترو سۇقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ھازىرغىچە 33 ئادەم يارلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ شەھەردىكى مېترو يول بۆلەكلىرىنى ۋاقىتلىق تاقاپ، نورمال يول يۈرۋاتقان مېترولارنىڭ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول يۈرۈشىنى ئېيتقان. سان پاۋلو مېترو شېركىتىنىڭ لېدىرى ۋوكېر شۇيەرلىك ۋاستىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئاپتوماتىك كونترول قىلىش سېستىمىسى كاشىلىغا يولۇقۇش سەۋەبلىك بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ كۆرسەتكەن. ھازىر مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋەقەنىڭ كونكېرىت سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.